باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە نېمە ئۈچۈن غەربتىن قورقمايدۇ؟(1)

2014.03.06 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «سىياسىي» تور بېكىتى رۇسىيە نېمە ئۈچۈن غەربتىن قورقمايدۇ، دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى پۇتىن چەتئەلنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى، چۈنكى جازالاش رۇسىيەگە زىيان يەتكۈزەتتى، نېفىت كەسپىنىڭ ھالقىلىق تارمىقىنىڭ ئېكسپورتى چەكلىمىگە ئۇچرايتتى، ھەتتا غەرب پۇل-مۇئامىلە ساھەسى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۇزۇپ تاشلىناتتى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس. رۇسىيە غەرب ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالىمايدۇ، ھەربىي زەربىمۇ بەرمەيدۇ ، ئامېرىكا پەقەت شەكىل جەھەتتىنلا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كېم پەرۋا قىلىدۇ؟ رۇسىيە چىقىدىغان «خەۋەر گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئامېرىكا رۇسىيەنى جازالىسىمۇ، رۇسىيە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. رۇسىيە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادى ئالاقىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پۇتىن تۈرلۈك ئۆچ ئېلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ جازالاشقا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. تەبىئىي گازنى پېشكا قىلغاندىن باشقا، رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت، ئىنكار قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ.

  3-مارت رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدىم، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاق تونۇشقا ئىگە. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: كىرىمل سارىيى ئۇكرائىنا مەسلىسىگە ھەربىي جەھەتتە ئارلىشىشتا رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكچىدەك قىلىدۇ، دېدى.

  لاۋروف جەنۋە مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادا ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى «نورماللاش»قىچە داۋاملىق قوغدايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى «ۋول كوچىسى گېزىتى»گە رۇسىيە قىرىمنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ بولدى، دېدى.

  غەرب ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىنى زادى قاچانغىچە قوللايدۇ؟ ئامېرىكا «سىياسىي» تور بېكىتى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوماندانى ياۋروپادىكى زور قۇرال كۈچىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەمما ۋاشىنگتوننىڭ ھەربىي ھەرىكەت پىلانى يوق. ئەنگلىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە كۆرەشچى ئايروپىلاندىن گېرمانىيەدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگىچە، يەنە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى بىر ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش چوڭ ئەترىتىگىچە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە زور يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق قۇرالىنىڭ ھەممىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما موسكۋا بىلەن تېرىكىشىشنىڭ خېيىم-خەتىرى ناھايىتى چوڭ،بۇ مۇشۇنداق بۇيرۇقنىڭ چۈشۈرۈلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر