- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پۇتىن غەرب ئەللىرىنى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە "چاشقان سىنىقى" قىلىۋاتىدۇ دىدى
2014.03.05 17:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (مۇخبىر ساۋ يەن، ليۇ يىرەن خەۋىرى) رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 4-چېسلا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرى «چاشقان سىنىقى» قىلىۋاتىدۇ، ئەمما رۇسىيە پەقەت «ئەڭ ئېغىر ئەھۋال»دا ئاندىن ئۇكرائىناغا قوشۇن كىرگۈزىدۇ، دېدى.
پۇتىن شۇ كۈنى موسكۋا شەھەر ئەتراپىدىكى زۇڭتۇڭ سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ، بۇ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەندىن بېرى، پۇتىننىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشى. پۇتىن، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە: «مەن بەزىدە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، بەزى تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇرۇپ، چاشقاننى سىناق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نىمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.» دېدى.
غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قانۇنسىز دەپ ئەيىبلىشىگە قارىتا، پۇتىن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئامېرىكىمۇ ئاففانىستان، ئېراق ۋە لېۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىنىمۇ ئالماي، ب د ت نىڭ چەكلەش قارارلىرىنىمۇ بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ھەرىكەت قىلغان ، دېدى.
ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قارىتا، پۇتىن، رۇسىيەنى تەنقىد قىلغان غەربتىكى دۆلەتلەرنى ئاۋۋال ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپ: «رۇسىيەنى جازالىماقچى بولغانلار ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك، رۇسىيەنى جازالاش ھەر ئىككىلا تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ» دېدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر