باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوڭچىللىشىشىغا بولغان ئەندىشىسى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى(2)

2014.02.20 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدلىشى ۋە گۇمانلىنىشىغا قارىتا، ئابىشىنزو ھۆكۈمىتى بۇنى ئويلىنىپ كۆرمەستىن ئاچچىقلاندى ھەتتا ئامېرىكا ئابىشىزو تەرەپتە تۇرمىدى دەپ غەزەپلەندى. ئېتو سېيئىچى ئامېرىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىلگىرى ئابىشىنزونىڭ يەنى بىر يېقىن ئادىمى بۇ يىل 1-ئايدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يىغىندا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەپ ، ئامېرىكىدا ھوقۇقنى دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئوباما تۇتمىغان بولسا ئامېرىكا ياپونىيىگە بۇ خىل پوزىتسىيە تۇتمىغان بولاتتى دېدى.

  خەلقئارا جەمئىيەت ياپونىيىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىدىن چۆچۈدى. ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى 19- فېۋرال ئېتو سېيئىچىنىڭ دېگىنى ئۆزىنىڭلا پىكرى، ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ دېدى. ياپونىيە سىياسىي سەھنىسى ئېتو سېيئىچى بولسۇن ياكى ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى بولسۇن ھەممىسى ئابىشىنزونىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى، ئابىشىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشىغا قۇتراتقان پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار ئامېرىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئابىشىنزو ئۈچۈن كەتمەن چاپتى.

  ئېتو سېيئىچىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش ۋىدېئوسى كۆرسىتىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئابىشىنزو ياپونىيىدىكى ئىنتايىن ئوڭچىل سۆزلەرنى قىلىدىغان كەسپى ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ مۇھىم بېتىدىكى ھەق گەپ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن بۇ ئورۇندا سۆزنى ئەركىن قىلالمايمەن، چۈنكى سىلەرنىڭ نېمىنى دېمەكچى بولساڭلار شۈنى دېيىشىڭلارغا زوقۇم كېلىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر