باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە كرىزىسى توغرىسىدىكى 2-قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

2014.02.19 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە كرىزىسىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت قارالمىسىدىكى پىكىرى بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سۇرىيە كرىزىسى توغرىسىدىكى 2-قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.

  سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى 14-فېۋرال شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەدە، 2-قېتىمىلىق سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ھېچقانداق ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. 15- فېۋرال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ سۇرىيە كرىزىسى بويىچە بىرلەشمە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىبراھىم 2-قېتىملىق سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق ئۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى سۆھبەتتە كۈن تەرتىپنى ئېنىق بەلگىلەنگەنلىكىنى ھەمدە بۇ مەسىلىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىمۇ، سۇرىيە مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش بىر چىقىش يولى. سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى بىلەن ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى 14-فېۋرال مۇنداق دېدى: سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مىكداد مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىمقى تىنچلىق سۆھبىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرلەشلەرنىڭ بولمىغانلىقدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم. بىز كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدۇق، بىراق ئۆكتىچىلەر ئۆزىنىڭ قارشىدا چىڭ تۇرىۋالدى، ئۇلار ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئورگىنىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئەمەلىي بولمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورلۇقنى تۈگىتىش سۇرىيە خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا خاتىمە بېرىشدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشدا بىردەكلىك ھاسىل قىلسىلا، بىز ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئورگىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايمىز.

  گەرچە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەتنىڭ كۈن تەرتىپى ۋە ئاساسلىق قارالمىلىرىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، بىراق تىنچلىق سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. سۇرىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ھەسەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇرۇش مەيدانىدا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان گۇرۇھلارنىڭ سۆھبەتكە قاتناشمىغانلىقى بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشدىكى بىر چوڭ سەۋەب بولدى. بىراق بۇ گۇرۇھلار سۆھبەتكە قاتناشقان تەقدىردىمۇ، سۆھبەتنىڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى قىيىن بولاتتى، چۈنكى ھەر قايسى گۇرۇھلار كەلگۈسىدىكى ھوقۇق تەقسىماتى مەسىلىسىدە ئۆز پىكىردە چىڭ تۇردى. ئۆكتىچى گۇرۇھ بولغان مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى غەرب ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىك رولىنى ئوينىماقتا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەل قىلىش لايىھەسى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلمىدى، شۇڭا، مەملىكەتلىك ئىتتىپاق رۇسىيە قوللاۋاتقان سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىمۇ قىيىن، كەلگۈسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش سۆھبەتلەر يەنە داۋاملىشىدۇ، بىراق ئۇنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۇرۇش ۋەزىيىتى بەلگىلەيدۇ. ھازىر غەرب ئەللىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىدەك خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى، قۇراللىق گۇرۇھلار خەتىرىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئېغىشقا بولمايدىغان يولغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى تىنچلىق سۆھبىتى مەزگىلىدە، سۇرىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرى ۋە شەھەرلىرىدە چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، كىشىلەر دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى، تىنچلىقنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. تىنچلىق سۆھبىتى مەزگىلىدە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى دەمەشق شەھەر ئەتراپى، ھەلەپ قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە مەلۇم ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ھومۇسنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك يولىمۇ ئېچىلدى، خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە تىنچلىققا بولغان ئارزۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  رۇسىيە سۇرىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۇرتكە بولماقتا. 13-فېۋرال، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان جەنۋە سۆھبىتى توغرىسىدىكى ئاخباراتىدا مۇنداق دېدى: سۆھبەتكە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر دىپلوماتىك ئۇسۇلنىڭ سۇرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى دەپ ھېسابلىدى. رۇسىيە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇرىيە كرىزىسى كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە ۋە مۇرەككەپلەشمەكتە. سۈرىيە سۆھبىتىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغان، ئۆز ئارا چۈشەنگەن ئەھۋالدىلا تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

  ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ سۇرىيەگە ياردەم بېرىش لايىھەسىدىكى ئىختىلاپى تىنچلىق سۆھبىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 14-فېۋرال زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا ئىككىنچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى. مەن سۇرىيە توقۇنۇشىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلمىساممۇ، لېكىن سەۋىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىغا دەرھال تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىتەرەپ تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ بېسىم ئىشلىتىش كېرەك. ئامېرىكا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، سۇرىيە كرىزىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: يېقىندا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا سۇرىيەگە ياردەم بېرىش لايىھەسىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىققانلىقتىن، سۆھبەت ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا، رۇسىيىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشى ئارقىسىدا ھوقۇقنى ئىگىلەيدىغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا قايىل قىلىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر