باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋاندا ئون ئاي داۋاملاشقان ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىغا خاتىمە بېرىلدى

2014.02.19 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان بىر مەزگىل ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىدە تۇرغاندىن كىيىن، يېقىندا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ لىۋان خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، بىراق لىۋان يېڭى ھۆكۈمىتى بۇندىن كىيىن كۆپلىگەن خىرىسلارغا يولۇقىدۇ.

  لىۋان پىرېزىدېنتى سۇلايمان 15-فېۋرال پىرېزىدېنت بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، سالام باش مىنىستىرلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن لىۋاندا ئون ئاي داۋاملاشقان سىياسىي جەھەتتىكى قاتمال ۋەزىيەتكە ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىغا خاتىمە بېرىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: لىۋان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پىرېزىدېنت سايلىمىنى دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بىراق يەنە كۆپلىگەن خىرىسلارغا يولۇقىدۇ. لىۋان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە لىۋاننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى باش مىنىستىر سالامنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشى ئالغا قاراپ تاشلانغان مۇھىم قەدەم بولۇپ، بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋاننىڭ سىياسىي، بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىيات جەھەتتە يولۇقۇۋاتقان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لىۋان پۇقرالىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر بىلەن يېڭى ھۆكۈمەتنى قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا زور ئۈمىدلەردە بولدى. بىر قىسىم جايلاردىكى خەلقلەر يەنە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بۇنى تەبرىكلىدى. لىۋانلىقلار ئۇزاق ۋاقىت ھۆكۈمەت ھوقۇقى بوش بولۇش ۋە سىياسىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغاندىن كىيىن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۇقرالارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گەرچە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق لىۋاننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ھەل قىلىنمىدى. 1-دىن، يېڭى ھۆكۈمەت ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشىنىڭ مەسئۇلى بولدى. لىۋاندا سىياسىي گۇرۇھلار كۆپ بولۇپ، 1.سابىق باش مىنىستىر رافىك ھەرىرىنىڭ ئوغلى سائەد ھەرىرى باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېقىن 14-مارت لاگىرى؛ 2.ئاللا پارتىيەسى ۋەكىللىكىدىكى ئىران بىلەن سۇرىيەگە يېقىن 8-مارت لاگىرى بار. ئۆتكۈن يېلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى پىرېزىدېنت سۇلايماننىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن سالام يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەندىن كىيىن، بۇ ئىككى لاگېر ئالدى بىلەن ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ياكى ھەر قايسى گۇرۇھلار قاتناشقان مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى تەشكىللەش مەسىلىسىدە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلالمىغان، ئۇندىن كىيىن يەنە مىنىستىرلارنىڭ ئورنىنى تەقسىم قىلىش بولۇپمۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن، يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ئىشى ئارقىغا سوزۇلۇپ كەلدى. كۆپ تەرەپلەرنىڭ ياراشتۇرۇشى ۋە كېڭىشىشى ئارقىسىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئاخىرى ھۆكۈمەت تەشكىللەش جەھەتتە مۇرەسسەلىشىپ، 24 مىنىستىر ئۈچ گۇرۇھدىن تەشكىللەندى ، يەنى 14- مارت لاگىرى بىلەن 8- مارت لاگىرى سەككىز مىنىستىرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى، پىرېزىدېنت بىلەن باش مىنىستىر قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بىتەرەپ گۇرۇھلار قالغان سەككىز مىنىستىرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە بۇ ئىككى لاگېر گەرچە كابىنېت تەشكىللەش مەسىلىسىدە مۇرەسسەلەشكەن بولسىمۇ، بىراق كەلگۈسى ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجېنىنى يولغا قويۇش بولۇپمۇ سۇرىيە كرىزىسىدىكى مەيدانىدا يەنىلا ئىختىلاپ ساقلاندى.

  ئىككىنچىدىن، يېڭى ھۆكۈمەت دۆلەت خەۋپ ئىچىدە تۇرغان پەيتتە قۇرۇلدى. سۇرىيە كرىزىسىدىن ئىبارەت سىرتقى تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، لىۋاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلاشتى. پايتەخت بىيورۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن رايونلاردا ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش، ئوققا تۇتۇش، تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. نۆۋەتتە بازا تەشكىلاتىنىڭ شۆبىسى لىۋانغا سىڭىپ كىردى ھەمدە ھەر قايسى جايلاردا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى، ئۈچ يىل داۋاملاشقان سۇرىيە كرىزىسى لىۋان ئىقتىسادىغا ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ، ساياھەت كەسپى سۇسلاشتى، ئىمپورت ئېكسپورت زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئۇندىن باشقا، زور تۈركۈم سۇرىيە مۇساپىرلىرى لىۋانغا كىرىپ لىۋاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يېڭى ھۆكۈمەت بىرىنچىدىن مەملىكەت بويىچە سۆزلىشىشنى قايتىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتىپ، سۇرىيە كرىزىسىنىڭ لىۋانغا ئىلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ئامال بار ئازايتىپ، سۇرىيە ئۇرۇشىنىڭ لىۋانغا يامرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋاننى قوللاش ۋە ياردەم بېرىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قىيىنچىلىق ئىچىگە كىرىپ قالغان لىۋان ئىقتىسادىنى قايتىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن پىرېزىدېنت سايلىمىغا تەييارلىق كۆرىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىل 5-ئايدا ئاخىرلىشىدۇ، يېڭى ھۆكۈمەت بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتۈش مۇددىتى ئاخىرلىشىشدىن ئىلگىرى پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئۈچ چوڭ ۋەزىپىگە دۇچ كېلىدۇ.

  كۆپلىگەن خىرىس ۋە ۋەزىپىلەرگە قارىتا، سالام يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن كۈنى تاراتقۇلارغا سۆھبەت بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق لىۋانلىقلارنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھەر قايسى گۇرۇھلار رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇرەسسەلىشىپ، سىياسىي ئىختىلاپنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئارمىيە بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى قوللاپ، تۈرلۈك شەكىللەردىكى تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتتىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، بىراق، ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تېرىشىپ ئورۇنلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر