باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقىدا 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئالتۇن كېنى ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان

2014.02.18 16:38   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جەنۇبىي ئافرىقىدا 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئالتۇن كېنى ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 16-فېۋرال جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بونونىدىكى بىر تاشلىۋېتىلگەن ئالتۇن كانىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، 230 قانۇنسىز كان ئاچقۇچى قۇدۇق ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان، ھازىرغا قەدەر 12 كانچى قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، قالغانلىرى قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىشىدىن ئەنسىرەپ قۇدۇقتىن چىقىشنى رەت قىلماقتا.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، جەنۇبى ئافرىقا قانۇنسىز كان قازغۇچىلارنى چارلىغۇچى ساقچىلىرى 16-فېۋرال قۇدۇق ئەتراپىدا چارلاۋاتقاندا بۇلارنىڭ قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەم ناھايىتى يوغان تاشنى يۆتكەپ قۇتقۇزۇش يولىدىن بىرنى ئاچقاندىن كېيىن قاپسىلىپ قالغان كانچىلار كەينى-كەينىدىن قۇتقۇزىۋېلىنغان. قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، قۇتقۇزۇۋېلىنغان 12 كانچى ساق سالامەت ئىكەن، قالغان قاپسىلىپ قالغان كانچىلار يول ئېچىلغان بولسىمۇ قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرەپ قۇدۇقتىن چىقمايۋېتىپتۇ.

  قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقانلارنىڭ دېيىشىچە، ھازىرغىچە قۇدۇق ئېغىزىغا يېقىن بولغان 30 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن ئالاقە قىلغىلى بولغان. بۇ كان ئىشچىلىرى قۇتقۇزغۇچى خادىملارغا يەنە تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. نۆۋەتتە بۇ ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئېغىر تىپلىق مېخانىكا ئەسۋابلىرى ۋە توپا ئىتتەرگۈچ ئارقىلىق كان ئېغىزدىكى يوغان تاشلارنى ئېلىشقا ئورۇنغان . دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ بىر تاشلاندۇق قۇدۇق بولۇپ، بىكار ئېچىۋېتىلگەن بولغاچقا ھېچقانداق بىر توسىقى يوق ئىكەن.

  جەنۇبى ئافرىقىدا قانۇنسىز ئالتۇن كان قۇدۇقى ئېچىش بولسا نۆۋەتتە بىر ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئايلانغان. بىر قىسىم كان ئىشچىلىرى يەر ئاستىدا تۇرىدىغان بولۇپ، شارائىتى ناھايىتى ناچار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنداق كان قۇدۇقلىرىدا دائىم ۋەھشىي ۋەقەلەر سادىر بولۇپ تۇرىدىكەن.

  2009-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدىكى خامۇنى ئالتۇن كانىغا ئوت كېتىپ ئەڭ كەم دېگەندە 82 ئادەم ئۆلگەن، دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بولسا قانۇنسىز كان ئاچقۇچىلار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…
      ·باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسز دەرستىن سىرتقى پائالىيەتتىن بەھرىمان بولىدۇ
      ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…