باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابىشىنزو ياپونىيىنى ئىنتايىن خەتەرلىك يۆنىلىشكە باشلاۋاتىدۇ(2)

2014.02.17 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:نۇتۇقىمغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى ھەتتا مېنى تەنقىدلەش كۆز قارىشىدا بولغان كۆپلىگەن تاراتقۇلار بۇنىڭدەك نۇتۇقنى كۆپرەك سۆزلەڭ،بۇ نۇتۇقىڭىز كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتسە ئەجەب ئەمەس،دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مەنمۇ بايانلىرىمنىڭ ياپونىيىدىكى ياش ئەۋلادلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ياپونىيىلىك كۆپلىگەن ياشلار تارىخنى ناھايىتى ئاز بىلىدۇ، مېنىڭ كۆز قاراشلىرىم ئۇلارنىڭ تەپەككۇر يولىنى ئېچىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئولىۋېر سىتون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغىنى ھازىر ياپونىيىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىغا بولغان تەربىيە ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەن. ياپونىيە تاجاۋۇزچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياپونىيە خەلقىمۇ ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ھازىر ياپونىيە ياشلىرى بۇنى چۈشەنمەيدىكەن.

  ئامېرىكا تارىخشۇناسلار تەشكىلاتىنىڭ داڭلىق لېكتورى ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى پىتىر كۇزنىك بىلەن ئولىۋېر سىتون كىشىلەر بىلمەيدىغان ئامېرىكا تارىخى دېگەن كىتابنى بىرلىشىپ تۈزدى. كۇزنىك 1995-يىلى ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئاتوم بومبىسى پارتىلىغاندا ئامان قالغۇچىلارنىڭ ئازاب ئوقۇبىتىدىن قايغۇرۇپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، يادرو قوراللىرىنىڭ ئۇرۇشتا خەلققە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقاردى. كۇزنىك ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلىرىنى خىروشىما ۋە ناگاساكىغا زىيارەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئولىۋېر سىتون كۇزنىكنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى.

  كۇزنىك مۇنداق دېدى: ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخنى يوشۇرۇشى ياپونىيە ياش ئەۋلادلىرىنى خاتا يولغا باشلاشتا ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بار. ئابىشىنزو ھازىرقى دەرسلىكنى بېكىتىش ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ،ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. يەنە كېلىپ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش، ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىپ، ياپونىيىنى ئىنتايىن خەتەرلىك يۆنىلىشكە باشلىدى.

  كۇزنىك ياپونىيە ياشلىرىنىڭ دۆلىتىدىكى سىياسەتچى ئوڭچىللارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى:يېقىندا توكيونىڭ شەھەر باشلىقى سايلىمىدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى قوللايدىغان نامزاتنىڭ ياپونىيە ياشلىرىنىڭ قوللىشىغا بەكرەك ئېرىشكەنلىكى ھەمدە يەنە بىر ئوڭچىل پارتىيە نامزاتىمۇ ياپونىيە ياشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئەنسىرىدىم. ئەمەلىيەتتە ياپونىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپونىيە مىلىتارىزمى بىلەن گېرمانىيە ناتسىستلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە ۋە ئويلىنىش يوقتەك قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر