باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قاتماللىق-سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىدىكى قېيىنچىلىقنى نامايەن قىلدى(2)

2014.02.17 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ توقۇنۇشىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىشىشنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئۇلار قارشى تەرەپنى سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە سۆھبەتنىڭ قېيىنلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، سۇرىيەدىكى قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىككى نۆۋەت سۆھبەتلەشتى، ئەمما زور ماھىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىدە سۇرىيە بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋەكىللىرى ياراشتۇرغۇچى يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە كىرزىسى بويىچە بىرلەشمە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىبراھىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جەنۋەدە سۆھبەتلەشتى. 2-نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ زورمۇ-زو بىر يەردە ئولتۇردى، ئەمما بىر-بىرىنىڭ تەلەپلىرىگە يول قويۇلمىغانلىقتىن سۆھبەت توختاپ قالدى.

  ئىبراھىم 13-فېۋرال رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى گاتىلوف، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شىرمەن بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتلىشىپ، 2-نۆۋەتلىك سۆھبەتتىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىبراھىم مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا سۇرىيەدىكى ئىككى تەرەپنىڭ «سۆھبەت قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلاش»قا تىرىشىپ تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۈنۈمى يەنە روشەن ئەمەس.

  2-نۆۋەتلىك سۆھبەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىبراھىم سۆھبەت نەتىجىسىدىن ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ سۇرىيەدىكى ئىككى تەرەپ «قايتىپ ياخشى ئويلىنىشى، سۇرىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش -ئالماسلىقنى ياخشى ئويلىشىشى كېرەك»دېدى.

  جەنۋەدە زىيارەت قىلىنغان نوپۇزلۇق ئاخباراتچى قەدىم مۇنداق دېدى: ئاساسى ئورتاق تونۇش كەمچىل بولغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، سۇرىيەدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئاخىرى جەنۋەگە كېلىشىدىكى سەۋەب- ئۇلار تالاش-تارتىشنى تىنچلىق ھەل قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىق ۋاز كەچتى» دەپ ئەيىبلىنىشنى خالىمايدۇ.

  گەرچە ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە قارشىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تالاش-تارتىشنى تىنچ ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى تاللاشتىن ۋاز كەچمىدى، سۇرىيە مەسىلىسىدىكى 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى، ئەمما يىغىن ئاخىرى يەنە ئۆتكۈزۈلدى. گەرچە ئىككى تەرەپ سۆھبەت باشلانغان ۋاقىتتا ئىبراھىم ئارقىلىق سۆزىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئاخىرى بىر ئۈستەلدە ئولتۇردى. سۆھبەت گەرچە قېيىن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بىرەر تەرەپ چېكىنىپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويمىدى.

  كۆزەتچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سۇرىيەدىكى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىشى ياخشى باشلاندى. جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ب تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەيدانى ئەمەس، ئىبراھىم ئېيتقاندەك، بىز قاراڭغۇ تونىلدا تۇرۇۋاتىمىز. ئەمما يورۇقلۇق ئالدىمىزدا. بۇ تونىلدىن چىقىپ كېتىمىز دەيدىكەنمىز، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە مۇرەسسەلىشىشگە توغرا كېلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر