باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيەلىكلەر سىياسىي سەتچىلىككە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ(2)

2014.01.20 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قوللاش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسەتمىدى

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھوللاندى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۇنى بىر سىياسىي ئاپەتكە ئىتتىرىپ قويغان. فىرانسىيەدىكى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى راڭ فلاسوۋا كوپى: ھوللاندى زۇڭتۇڭنى كۈلكە دەستىكىگە ئايلاندۇرماقتا، دېدى. بىراق فىرانسىيەنىڭ باش مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىقلار ھوللاندىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تاراتقۇلارنى داڭلىق كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزدى دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ژۇرنالنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ھەتتا ئوڭچىل خەلق فرۇنتىمۇ تاراتقۇلارنىڭ شەخسنىڭ ئار نومۇسىغا دەخلى تەرۇز قىلىشتەك بۇ خىل ئۇسۇلىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوخشاش خىلدىكى ۋەقەگە بولغان ئىنكاسى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ھوللاندىنىڭ بۇ سەتچىلىكى جەزملەشتۈرۈلسە، فىرانسىيە پىرېزدېنتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلىرىنىڭ دائىم ئاشنا تۇتۇش ئەنئەنىسى يەنە بىر قېتىم ئۇزىرايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، فىرانسىيەلىكلەر دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى خەۋەرلىرىگە كەڭ قورساق مۇئامىلە تۇتىدۇ، بۇنداق خەۋەرلەر ئاۋامنىڭ ئۇلارنى قوللاش نىسبىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىفۇپ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، ھوللاندى بىلەن جۇلى گايې ئوتتۇرىسىدىكى گۇمانلىق مۇناسىۋەت فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئوبرازىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن. زىيارەت قىلىنغان %84 كىشى ئۆزلىرىنىڭ ھوللاندىغا بولغان باھاسىنىڭمۇ سەۋەبتىن سەۋەبىدىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %13 كىشى بۇ خەۋەر تۈپەيلىدىن ھوللاندىغا بولغان باھاسىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە %3 كىشى بۇ خەۋەردىن كېيىن ھوللاندىغا بولغان قارىشىدا بىر قەدەر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ئالاقىدار تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ھوللاندىنى قوللاش نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن بولغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، %77 زىيارەت قىلىنغۇچى ھوللاندى بىلەن جۇلى گايېنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى خەۋەرنى پىرېزىدېنتنىڭ شەخسى ئىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %23 فىرانسىيە ئاممىسى بۇ ۋەقە ئاممىۋى ۋەقە بولۇپ، پىرېزدېنتنىڭ شەخسى تۇرمۇشى بارلىق فرانسىيەلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر