باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئەمەلدارى ب د ت ئورگىنىغا ئەزا بولۇشنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.01.15 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ئەمەلدارى 14-يانۋار مۇنداق دېدى: پەلەستىن تەرەپ 4-ئايىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىغا ئەزا بولۇشنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىدۇ.

  پەلەستىننىڭ بۇ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: پەلەستىن تەرەپ رەھبەرلىرى، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىدى، شۇنداقلا ھەرقانداق تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانمىدى دەپ ھېسابلىدى. بىراق پەلەستىن تەرەپ قالغان سۆھبەتلەرنى ئورۇندايدۇ، ھەمدە 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى باشلايدۇ.

  بۇ قېتىمقى پەلەستىن ئىسرائىلىيىە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى باشلانغان. بۇ قېتىم، ئىسرائىلىيە ئۇزاق ۋاقىت تۈرمىگە قاماپ قويغان 104 نەپەر پەلەستىنلىكنى تۆت تۈركۈمگە بولۇپ قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان، پەلەستىن توققۇز ئاي داۋاملاشقان تىنچلىق سۆھبىتى مەزگىلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا قوشۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر