باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى شۇنچىلىك ئاجىزمۇ؟

2014.01.13 10:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقتىكى سۈنىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەر باشلامچىلىق قىلغان ھۆكۈمەت ۋە بىخەتەرلىك قىسمىغا بولغان نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچەيدى، بولۇپمۇ سۈرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئىراق بىلەن لېۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە زورىيىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى، ئىراق بىلەن سۈرىيەنىڭ چېگرا رايونىدىكى سۈنىي مەزھىپىدىكىلەر يىغىلىدىغان ئەنبەر ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادى دۇنيادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇغاچىلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىققا ئايلاندى.

  2013-يىلى 30-دېكابىر، ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى رامادىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر سۈنىي مەزھىپىدىكى نامايىشچىلارنىڭ بازاسىنى تازىلىغاندا، نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى، بۇ توقۇنۇش باشقا رايونلارغىمۇ تۇتاشتى. جىددىي ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى مالىك قىسمەن رايونلاردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى جاكارلىدى، قەبىلە قوراللىقلىرى رامادى ۋە فاللۇجا قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىگەللەشكە باشلىدى، بازا تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ بۆسۈپ كىرىپ، فاللۇجانى كونترول قىلىۋالدى، بازا تەشكىلاتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى فاللۇجادا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى جاكارلىدى. تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم يېتىمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى ھازىرغىچە ھەربىي ھەرىكەت قوللانمىدى.

  ئامېرىكا ئاق سارىيى 8-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بېددىن مالىك بىلەن ئەنبەر ئۆلكىسىدىكى ئۇرۇش توغرىسىدا تېلېفونلاشتى. بېددىن شۇ يەرنى ئىشغال قىلىۋالغان ئەسەبىي كۈچلەرنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن مالىكنى قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى، دېدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىمۇ ئىراقنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زىبال بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كېررى 5-يانۋار ئېرۇسالىمدا، ئامېرىكا ئىراق ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ، لېكىن ئىراققا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئەۋەتمەيدۇ، دېدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، 2011-يىلى غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ، تېررورىزىمنىڭ بۇ رايونلارغا سىڭىپ كىرىشىنى ھەمدە تېخىمۇ كەڭ رايونغا تارقىلىشىنى تېزلەتكەن.

  لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئۇزاق داۋملاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى غازاتچى دەپ ئاتىۋالغان نۇرغۇن قوراللىق كۈچلەر توپلاندى، بۇلار ھەر قايسى جايلاردا غازاتنى قوللىدى؛ بازا تەشكىلاتىنىڭ تارماق ئورگانلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچى ئافغانىستان، پاكىستاندىن يەمەن قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلدى، ھەمدە سومالىدىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇردى؛ تېررورلۇق تەشكىلاتلار سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز سىرتقا كېڭەيدى، 2-يانۋار، ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتى لىۋاننىڭ بېيرۇت شەھىرىدە بومبا ماشىنا ھۇجۇمى قوزغاپ، 70تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

  نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 8-يانۋاردىكى ئوبزورىدا، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئىراق مەسىلىسىنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىن يىراقلاشتۇردى. ئوبامانىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلدا پەخرىلىنىدىغان ئىراق ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇدۇق دېگەن سۆزى ھازىر خىرىسقا ئۇچرىدى، ئوباما پەقەت ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈردى خالاس، لېكىن ئۇرۇش 2011-يىلدىن كېيىنمۇ تۈگىمىدى، ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراققا كىرگەندىن كېيىن ئەڭ كەسكىن باسقۇچقا كىردى، دېيىلدى.

  ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد خاس مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان بۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرغۇدەك كۈچى يوق، ئۇلار ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ بىر دۆلەتتىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولدى. ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى ئىستراتېگىيە تەتقىقات تۈرىنىڭ مۇدىرى ئانتونى كېدروسمان: ئامېرىكا ھازىر پەقەت مالىك ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ سىياسەت قوللىنىشقا، سۈنىي مەزھىپىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، بىر يۈرۈش سىياسىي تازىلاشلارنى توختىتىشقا دەۋەت قىلالايدۇ خالاس. ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئامالى يوق، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر