باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى قەھرىماننى كۈتمەكتە(2)

2014.01.13 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاياتى ئۇرۇش ئىچىدە ئۆتكەن شارون ئاخىرقى ئۆمرىدە پەلەستىن بىلەن يارىشىش ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئاخىرقى ئىككى يىلدا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىنى تاللاپ، كۆپ قېتىم گازادىكى 21 يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى چېقىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئوڭچىل يەھۇدىيلارنىڭ بۈيۈك ئىسرائىلىيە چۈشىنى تارمار قىلدى. شۇڭا ئۇ لىكود گۇرۇھىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئالغا پارتىيىسىنى قۇرۇپ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى ئۆزگەرتتى.

  شاروننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۆزگىرىشى ئۇرۇشتىكى ماھىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، لېكىن ئۇ قورال كۈچىگە ئىشەنمىدى. شارون تىنچلىققا ئىنتىلىشتە ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى تولۇق قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلدى. گەرچە كۆپلىگەن شەرتلىرىنى ئەرەب دۇنياسى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تىنچلىق سۆھبىتىدە ناھايىتى قىيىن بىر قەدەمنى باسماقچى بولدى. ئىسرائىلىيەدە شارون ھەممە بىلىدىغان ئاجايىپ گېنېرال ۋە دۆلەت قەھرىمانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋامنى يول قويۇشقا قايىل قىلالىدى. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە بىلەن غەرب جامائەتچىلىكى شاروننى ئەڭ ياخشى تىنچلىق ياراتقۇچى دەپ قارىغان ئىدى. بىراق ۋاقىت ئۇنىڭغا يار بەرمىدى. 2005-يىلىنىڭ ئاخىرى تىنچلىقنى باشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا سەكتە كېسىلى بولدى. 2006-يىلى 2- قېتىم سەكتە كېسىلى بولغاندىن كېيىن بىھوش بولۇپ قالدى. بۇ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى جاسارەتلىك كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا شەكشۇبىھىسىزكى كىشىلىك ھاياتىدىكى پاجىئە.

  ئوتتۇرا شەرقتىن ئىبارەت بۇ زېمىندا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا سەمىمىيەتلىك بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى دادىل مۇرەسسەلىشىش، دەرھال ھۆكۈم چىقىرىدىغان تۈرۈتكۈچىلەردىن بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. شاروننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۆزگىرىشى كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلەندى. لېكىن ناھايىتى كېچىككەن ئىدى. ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى قەھرىماننى كۈتمەكتە!
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر