باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتا مەزھەپ كۈرىشى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە(2)

2014.01.10 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى رامادىغا يېقىن بىر جايدا سۈنئىي مەزھىپىدىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر لاگىرىنى تازىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ توقۇنۇشۇپ قالغان، توقۇنۇش يەنە باشقا رايونلارغا يامرىغان. زۇڭلى مالىك جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن بۇ ئۆلكىدىكى بەزى شەھەرلەردىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى، قەبىلە قۇراللىقلىرى رامادى ۋە فاللوجا قاتارلىق شەھەرلەرنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزىۋالغان، شۇنداقتىمۇ «بازا» تەشكىلاتىدىكى ئۇنسۇرلار بۇلارنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. مالىك ئارقىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنى بىكار قىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  نۆۋەتتە ئەنبار ئۆلكىسىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۇنداق ئۈچ ئاساسلىق كۈچ بار: ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋاتقان بىخەتەرلىك قىسىمى، ئەنبار ئۆلكىسىدىكى يەرلىك سۈنئىي مەزھىپى قەبىلە قۇراللىقلىرى ۋە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ تارماق تەشكىلاتى بولغان «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» قۇراللىقلىرىدىن ئىبارەت.

  «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش «دۆلەت قۇرۇش» غەرىزىنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئالدى بىلەن بۇ تەشكىلاتىنىڭ بىر ئىسلام ئەسلىيەتچى دۆلىتى قۇرۇش ئىدىيەسى كەڭ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىنى يوق، يەرلىكتىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق شىكايىتى ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىش ۋە تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرگىزمۇ مۇستەقىللىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەمەس.

  ئۇنىڭدىن باشقا، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىش ئويىدىن نۇرغۇن ئاھالىلەر بىزار. 2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۈنئىي مەزھىپىدىكى ئامېرىكىغا قارشى قۇراللىقلار بىرلىشىپ، «بازا» تەشكىلاتىغا كىردى، لېكىن، كېيىن بۇ قەبىلە قۇراللىقلىرى بىر ئۆرۈلۈپلا ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمىغا ياردەملىشىپ، بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ، ئۇلار «بازا» تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارغا قارىتىلغان تېرولۇق ھەركەتلىرىنى قوبۇل قىلالمىدى.

  ئىراق ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىم فاللوجانى قولدىن بېرىپ قويۇپ، پەقەت قولغا كىرگۈزەلمىگەنلىكى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر بىلەن شىئە مەزھىپىدىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەم ئىراقتا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنبار ئۆلكىسىدىكى تۈپ مەسىلىنىڭ بىرى كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان مەزھەپ زىددىيىتىدىن ئىبارەت. ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر داۋاملىق نامايىش قوزغاپ تۇردى، ناۋادا ئىراق ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى بىر ۋاستە قىلسا، تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىنى ئەسەبىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ، پاتقاققا تېخىمۇ پېتىپ قالىدۇ

  نۆۋەتتە، ئورتاق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك بىر قىسىم قەبىلە قۇراللىق كۈچلىرى بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى كېرەك، لېكىن شۇ يەردىكى «بازا» تەشكىلاتى كۈچلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىش ئۈچۈن يەنە ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىشىپ، ئىكىستىرىزىمنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر