باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوغرىلىقچە ئاڭلىغۇچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى(3)

2014.01.10 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش يەنىلا ئامېرىكىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلىنالمىدى. 2014-يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىغا تېخىمۇ زەربە بېرىشنى ئويلىغاندەك تۇرىدۇ، ئەمما دېموكراتلار پارتىيەسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ ئىشسىزلىق پاراۋانلىق تەمىناتىنىڭ ئۈنۈم بەرمەسلىكىدىن ئىبارەت بۇ قارالمىنى مۇنازىرە قىلىشقا بەكرەك مايىلدەك تۇرىدۇ. تاراتقۇلار بولسا شەخسىي مەخپىيەتلىككە ئالاقىدار يەنە بىر ھېكايە، يەنى ئامېرىكىدىكى زەنجىرسىمان ماگىزىن بولغان تارگېت شىركىتىنىڭ 40 مىليون خېرىدارنىڭ تۆلەش كارتىسى ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغانلىقىغا بەكرەك قىزىققاندەك تۇرىدۇ. لېكىن، ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ھېكايىسى ئوباماغا ئۆز بېشىنى ھەقىقىي ئاغرىتىدىغان مەسىلىنى ئېلىپ كەلدى. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانى ئاشكارىلانغان مەزگىل ناھايىتى پايدىسىز مەزگىل بولدى، يەنى نۆۋەتتە ئوباما بىلەن ياش ئامېرىكىلىقلار ۋە چەتئەللىك قوللىغۇچىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ناچار مەزگىلدە تۇرماقتا. بۇ ئىككى توپ ئادەم ئەسلىدە ئوبامانىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى ئىدى. بۇ ئىككى توپ گەرچە پۈتۈنلەي ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن بىردەك ئوبامادىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ياش ئامېرىكىلىقلار بىلەن چەتئەللىك قوللىغۇچىلىرى، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار ئوخشىمىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن ئامېرىكىدىن كۆپ ئۈمىد كۈتۈپ، ئۇ سىياسىي ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈمىد كۆپۈككە ئايلاندى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر