باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوغرىلىقچە ئاڭلىغۇچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى(2)

2014.01.10 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  روژدېستۋا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلارنىڭ باش سەھىپىسىگە چىقتى، لېكىن بۇ يەنىلا ئامېرىكا ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە ئەمەس. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، قوشما ئىشتاتنىڭ ئىككى سوتچىسى ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانىغا قارىتا پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى بولغان قارىشىنى ئېلان قىلدى. بىر سوتچى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى يەرلىك سوتتىن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش نىشانىدىن مېتا سانلىق مەلۇماتى توپلاش قىلمىشى ئاساسەن ئورۋېل شەكلىدە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىن دېدى. يەنە بىر سوتچى نىيۇيورك شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ يانفوندىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى توپلاش قىلمىشى پۈتۈنلەي قانۇنلۇق دېدى. بۇندىن باشقا، بۇ سوتچى يەنە ئەگەر 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىشقا باشلىغان بولسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى توپلىغان بازا تەشكىلاتىنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسى بىلەن كالىفورنىيەدىكى بىر ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى بىرلەشتۈرەلىشى مۇمكىن ئىدى دېدى.

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ئارىلىشىدۇ ھەم قوشما ئىشتات ئالىي سوت مەھكىمىسىمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىشى مۇمكىن. گەرچە بۇ ئىككى سوتچى ئوخشىمىغان پىكىر ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تەيىنلىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنىلا ئوتتۇرا يول تۇتتى؛ بۇ گۇرۇپپا ئىسلاھات ئارقىلىق، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانىنى بىۋاسىتە تاقىماستىن، بەلكى ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك دېدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 46 تۈرلۈك تەكلىپ سۇندى، بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر قېتىم مېتا سانلىق مەلۇماتىنى ئىزدەشتە، سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش، چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار بار.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر