باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساچىر خانىم ئەڭ ياخشى باش ۋەزىر بولۇپ باھالاندى(2)

2014.01.07 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇندىن باشقا 1951-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋىنىستون چىرچىل (Winston Churchill) بۇ تىزىملىكتە تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە، 69 نەپىرى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن، 67 نەپىرى ئەركىن ئىشچىلار پارتىيىسىدىن، 14 نەپىرى ئەركىن دېموكراتىك پارتىيىسىدىن كەلگەن بولۇپ، يەنە سەككىز كىشى باشقا پارتىيەلەردىن كەلگەن ئىكەن. بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن 12 نەپەر باش ۋەزىر (ھازىرقى باش ۋەزىر كامېروننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.) نىڭ ئىچىدە ۋىنىستون چىرچىل ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان.

  لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ھوللوۋەي ئىنستىتۇتى سىياسىيشۇناسلىق فاكۇلتىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت باھالىغۇچىسى، دوكتور نىكولاس ئەللېن (Nicholas Allen) مۇنداق دېدى:« پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ساچىر خانىم، كېلىمېنت رىچارد ئەتتىلې (Clement Richard Attlee) ۋە بىلايىر قاتارلىقلارنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى باش ۋەزىر دەپ باھالاپ چىققانلىقىغا ئانچە بەك ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. ساچىر خانىم ۋە كېلىمېنت رىچارد ئەتتىلې ئىككىسى ئەنگلىيە سىياسىيسىغا ماھىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن، ئۇندىن باشقا بىلايىر خۇددى ساچىر خانىمغا ئوخشاشلا باھالىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.»
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر