باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ خىمىيەۋى قورال ئىشلەتتى

2014.01.02 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى چۇركىن 16 – دېكابىر مۇنداق دېدى: 19 ـ مارت سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە ۋە 21 – ئاۋغۇست سۇرىيەنىڭ گۇتاھ رايونىدا يۈز بەرگەن خىمىيەۋى قورال ئىشلىتىش ۋەقەسىنى زادى كىم سادىر قىلغان؟ بۇ سوئالغا بەزىلەر ھۆكۈمەت قىلغان دېسە، يەنە بەزىلەر ئۆكتىچى گۇرۇھ قىلغان، دەپ جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ھەر ئىككىسىنى سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ قىلغان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ماجىرا پەيدا قىلىش ئارقىلىق، چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. چۇركىن مۇنداق دېدى: ئەگەر، سۇرىيە ھۆكۈمىتى 19 ـ مارت سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى ۋە 21 – ئاۋغۇست سۇرىيەنىڭ گۇتاھ رايونىدا خىمىيەۋى قورال ئىشلەتتى دېيىلسە، ئىختىيارسىزلا تۆۋەندىكىدەك نۇرغۇن زىددىيەتلىك نۇقتا ۋە سوئال كېلىپ چىقىدۇ: سۇرىيە ھۆكۈمىتى 19 ـ مارت سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە راستتىنلا سارىن گازى ئىشلەتكەن بولسا، بۇ جايغا يېقىن يەردىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە پۇقرالار نېمە ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ؟! سۇرىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ؟! سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئەيىبلىگەن كىشىلەر بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە نېمە ئۈچۈن توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟!

  چۇركىن مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى 21 – ئاۋغۇست نېمە ئۈچۈن خىمىيەۋى قورال ئىشلىتىدۇ؟ ئۇلار ۋاشىنگتون سىزغان «قىزىل سىزىق» تىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئۆزىگە بالا تېپىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانمىدۇ؟ ئۇنداقتا، ئۆكتىچى گۇرۇھنى خىمىيەۋى قورال ئىشلەتتى، دەپ قارىساق، ئۇلارنىڭ خىمىيەۋى قورال ئىشلىتىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: ئۇلار بۇ گۇناھنى ھۆكۈمەتكە دۆڭگەپ، چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشقا ئارىلىشىشىغا باھانە تېپىپ بەرمەكچى بولغان.

  چۇركىن يەنە مۇنداق دېدى: سۇرىيەدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە تارىختا كۆرۈلگەن بەزى ۋەقەلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىراق ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن مۇرەككەپ ئۇچۇرلار تارقالغانىدى. بەختكە يارىشا، بۇ قېتىم سۇرىيە توقۇنۇشى خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلانماي، زىددىيەتنىڭ يەنىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر