باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى جانلىق تەسۋىرلەندى(2)

2013.12.26 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە، بىلارۇسىيە، قازاقىستانغا نىسبەتەن نۆۋەتتە يولغا قويىلىۋاتقان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىھتىياجىنى كېڭەيتىش، سودا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتا كۆرىنەرلىك رول ئوينىدى. ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2012-يىللىق پۈتۈن بىر يىللىق تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 939 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشقان؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 68 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بىلارۇسىيە، قازاقىستاننىڭ سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئاشقان؛ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق ئىچىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا سودا ئېشىشى تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىنىڭ 3 ھەسسىدىن ئېشىپ، ئېشىش دەرىجىسى %9 كە يېقىنلاشقان، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى %3 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنىسازلىق ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتىنىڭ سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان، مەسىلەن، ئاپتوبۇس، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، كومپىيوتور، تېلىۋىزور تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ۋە باشقا يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئېشىشى كۆرىنەرلىك بولغان.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسى سانائەت ۋە مەبلەغ سېلىش تەتقىقات مەركىزنىڭ مۇدىرى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇقنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ئۈچ دۆلەتنىڭ سودىسىنى قولايلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينىدى، ئەمما ھازىرقى باسقۇچتا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق رامكىسى ئىچىدە يەنىلا مەسىلە مەۋجۈت، مەسىلەن بەزى تاۋارلارنىڭ ئوبوروتىغا چەكلىمە قويۇش، بايلىق تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سودا سالمىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش ھەمدە بايلىق تەقسىملەش تېخى تازا سەرخىللاشماسلىق قاتارلىقلار. ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى يۇقارقى توساقلارنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، تېخىمۇ پىششىپ يېتىلگەن رايون سودا قېلىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىتتىپاقنىڭ ياۋروپا ئاسىيانى بىرگەدۋىلەشتۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىقتىدارى بار، ھازىرقى ئاساستا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنى جەلپ قىلىپ، رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خېلىشىنكوۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ شەكىللىنىشى مەزكۈر رايوندا بىر يېڭى كۈچلۈك رايون ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ باشقا رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەشكىلاتى بىلەن سۆزلىشىشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىجىل تەرەققىيات يولىنى تېپىشىغا پايدىلىق.

  رۇسىيە سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى كاچيۇلىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ئەتراپ دىپلوماتىيىسىنىڭ مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەش. رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا تايىنىدۇ، سىياسىي كۈچىنىڭ زورىيىشى ئوخشاشلا باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەرگە تايىنىشقا مۇھتاج. موسكىۋا كارنىگې مەركىزىنىڭ مۇدىرى تېلېنىنمۇ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: رۇسىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتىكى مەقسىتى ئەتراپىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش، ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر