باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن مەملىكەت ئىچىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى شەرھلىدى

2013.12.17 13:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن يېقىندا ئاۋام كېڭەش پالاتالىرىغا دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى شەرھلىدى. پۇتىننىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىشىگە بىر سائەت 10 مىنۇت ۋاقىت كەتتى، بۇ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى بىر قەدەر قىسقا بولغان بىر قېتىملىق دوكلات. بۇ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى رۇسىيەنىڭ ئاساسى قانۇننى ئومۇم خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە ئېلان قىلىندى. پۇتىن دوكلاتنىڭ باش قىسمىدا ئاساسى قانۇن روھىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ دۆلەت ئىچىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەدلىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئالى كېسىم سوتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭىدىن ئالى سوت مەھكىمىسى قۇردى، بۇ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم بابباراۋەر دېگەن ئاساسى قانۇن روھىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

  پۇتىن يەرلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە بۇ سىستېمىدا نۇرغۇن مەسىلە مەۋجۇت، يەرلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: كۈچلۈك، مۇستەقىل يەرلىك ھۆكۈمەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش-رۇسىيەنىڭ ئاڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

  پۇتىن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى داۋاملىق كەسكىنلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەت توغرىسىدا مۇنداق دېدى: مىللەتلەرنىڭ تىنچلىقى رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدىن شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىرلىكى ۋە مۇكەممەللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى. پۇتىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر قىسىم يەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئاستا بولماقتا، دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتىدە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، مائارىپ مەدەنىيەت سىياسىتىدىكى كەمتۈكلۈك شۇنداقلا چىرىكلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مىللىي خاتا چۈشەنچە- رۇسىيەنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان ھەقىقى سەۋەب.

  بۇ يىل رۇسىيە ئىقتىسادى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھالەتنى باشتىن كەچۈردى، ئالدىنقى 10 ئايدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىش سۈرئىتى %1.4 بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن زۇڭلى مېدۋېدىۋ مۇنداق دەپ ھېسابلىغانىدى: تاشقى ئىقتىسادى مۇھىتنىڭ ياخشى بولماسلىقى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. پۇتىن بۇ قېتىمقى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە بۇ يىل رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىدا سىرتنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىق سەۋەب- مەملىكەت ئىچىدە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن بولدى. شۇڭا رۇسىيەنىڭ كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش ۋە زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

  پۇتىن دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا رۇسىيەنىڭ شەرقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: شەرقنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش رۇسىيەنىڭ 21-ئەسىرىدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى، دۆلەت ۋە كارخانىلار بايلىقنى بۇ ئىستراتېگىيىلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىشى كېرەك. شۇڭلاشقا، رۇسىيە يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرى تاپاۋەت بېجى ۋە باشقا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يىراق شەرق رايونىدىن بارلىق شەرقىي سىبېرىيە رايونىغىچە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

  پۇتىن دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، رۇسىيەنىڭ دۇنيا ۋە رايون زومىگىرى بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ھېچكىمنى قانات ئاستىغا ئېلىشقا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى، ھېچكىمگە قانداق ياشاشنى ئۆگىتىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۇتىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە سۇرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە « ناھايىتى مۇھىم تۆھپە قوشتى». رۇسىيە كەسكىن ۋە مۇكەممەل ھەرىكەت قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئۇرۇش تەھدىتىدىن سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي سۆزلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىگە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  پۇتىن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش بولدى، ئەمما بۇ تۇنجى قەدەم. ئالاقىدار تەرەپلەر ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇشۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە سەۋرچانلىق بىلەن ئىزدىنىشى كېرەك.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى - باراۋەر ۋە قاتناشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ئورنىتىلىشى كېرەك، رۇسىيە بۇ مۇساپىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى بىلەن قارشى ئورۇنغا قويمايدۇ. ھازىر ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى شەرتنامىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلەر ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. رۇسىيە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كېلەر يىلى 1-مايدىن بۇرۇن بۇ شەرتنامە ھۆججىتى ھەققىدە بىرلىككە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەرنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۆلەتنى نۆۋەتتىكى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر