باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇدان سىياسىي ئۆزگىرىش سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.12.17 13:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خارتۇم، 16 – دېكابىر تېلېگراممىسى. جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى 16 – دېكابىر بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ: شۇ جاي ۋاقتى 15 – دېكابىر كەچتىن 16 – دېكابىرغىچە جەنۇبىي سۇدان پايتەختى جۇبادا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇش بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش سۇيىقەستى، ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى بۇ يىل ئىيۇلدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ رىك مارشال. بەختكە يارىشا بۇ سۇيىقەست مەغلۇپ قىلىندى، ۋەزىيەت تىزگىنلەندى، ئالاقىدار دائىرىلەر ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، دېدى. باياناتتا يەنە جەنۇبىي سۇداندا جىددىي ھالەت يولغا قويۇلغانلىقى ھەم ھەر كۈنى كەچ سائەت 6دىن سەھەر سائەت 6گىچە كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىنغانلىقى جاكارلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى سالۋا كىر بۇ يىل ئىيۇلدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ رىك مارشالنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىككى ئاساسلىق گۇرۇھ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كۈنسايىن كۈچەيگەن. رىك مارشال باشچىلىقىدىكى قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار 15 – دېكابىر سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى خەلق ئازادلىق كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىپ، ‹‹يىغىن سۆھبەت روھىنى يوقاتتى›› دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزىنى ‹‹دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈگۈچىلەر ئېقىمى›› دەپ ئاتىۋالغان مەزھەپتىكىلەر زۇڭتۇڭ سالۋا كىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى ھەم ئۇنىڭ 2015 – يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامغا قاتناشماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر