باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستىراتىگىيىسى ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئىلگىرلىمەكتە(2)

2013.12.13 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گرۇزىيە بىلەن موداۋاغا سېلىشتۇرغاندا ياۋروپا ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى سىنايدىغىنى 45 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئوكرائېنا. رۇسىيە ئىزچىل ئۇكرائېنانى تاموژنا نېجى ئىتتىپاقىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەبىئىي گازنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشقا كۈچىدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا رۇسىيە، بىلرۇسىيە، قازاقىستان، ئۇكرائېنادىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ناۋادا ئۇكرائېنا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرسە، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىرلىككە كەلگەن خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال رامكىسى ئاستىدىكى سانائەت ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، ئىتتىپاقنىڭ ئىقتىسادى تەسىر كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسىدۇ.

  ئۇكرائېنانىڭ جۇغراپىيىلىك ۋە سىياسىي ئورنى ئالاھىدە بولغاچقا، ئۇ رۇسىيە غەرب بىلەن تەڭ تالىشىدىغان كوزۇرىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇكرائېنا بۇ نوقتىدىن پايدىلىنىپ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتىتىپاقى ئارىسىدا تەۋرىنىپ قالدى. بۇنىڭغا قارتىا، رۇسىيە: ئۇكرائېنانىڭ ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز، ناۋادا ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزسە، ئۇنداقتا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى كەسكىن سودا قورۇقچىلىقى تەدبىرىنى قوللىنىدۇ دېدى.

  رۇسىيەنى خاتىرجەم قىلغىنى رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستىراتىگىيىسىنىڭ بۇ يىل نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى بولدى. ئەرمىنىيە پىرېزىدېنتى ساركىيان سېنتەبىردە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا: ئەرمىنىيەنىڭ رۇسىيە، بىلرۇسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئەرمىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقۇچى دۆلەتلەر كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن باسقان تۆت يىلدەك سۆھبەت مۇساپىسىنى ئۆز ئالدىغا توختاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نويابىردا، رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى گلازىيېف مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، ئۇ 2015-يىلىنىڭ باشلىرىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ، تاجىگىستانمۇ بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گەرچە رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى تەكشى بولمىسىمۇ، لېكىن رۇسىيەنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈش نىشانىدا تەۋرىنىش بولمىدى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ئېيتقاندەك: ياۋروپا ئاسىيا ئىتقسادى ئىتتىپاقى ئەڭ چوڭ بىر گۋدىلەشكەن تەشكىلاتقا ئايلىنىدۇ، ئۇ رۇسىيە، بىلرۇسىيە، قازاقىستاننىڭ كەلگۈسىنى بىكىتىپلا قالماستىن يەنە بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نىشانىنى قوللايدىغان، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغان ۋە ئالاقىدار مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا كېيىنكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بوشلۇقى دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر