باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ پارس قولتۇقى ئەللىرىنى قايىل قىلالىشى تەس(2)

2013.12.13 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا راند شېركىتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشى بىرىنچىدىن تېررورزىمغا قارشى تۇرۇش، ئىككىنچىدىن بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۈچىنچىدىن ئىراننىڭ تەھدىتىنى توسۇش ئۈچۈن. ھازىر ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشتا مۇنداق ئىككى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە: بىرى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىپ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يەنە بىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇقىمسىزلىق ئامىلى كۆپەيمەكتە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇ دۆلەتلەردىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئامېرىكا بۇ ئىككىسى ئارىسىدىن تەڭپۇڭلۇقنى تېپىپ چىقىشى شەرت. بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش، ھاگېلنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كېڭىشىش ئېلىپ بېرىشىدىكى مۇھىم قارالما. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ۋەتەن گېزىتى»تور بېكىتىدە 7-دېكابىر ئېلان قىلغان بىر ئوبزورىدا مۇنداق دەپ كۆرىسىتىلدى: ئامېرىكا ئىرننىڭ يادرو مەسىلىسىدىن سىرت، سۈرىيە مەسىلىسىدە مەيدانىنى بوشاتتى، لېكىن پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىن نارازى بولماقتا ھەتتا غەزەپلەنمەكتە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر