باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىغا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللارنى ئېلىپ كەلدى(2)

2013.12.12 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاندنىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپى بولغان ساياھەتچىلىك سىياسىي تەۋرىنىشنىڭ زەربىسىگە ئۇچراشقا باشلىدى، ئاساسلىقى پايتەخت باڭكۇكقا مەركەزلەشكەن كەڭ كۆلەملىك كوچا ھەرىكىتىدىن نۇرغۇن چەتئەللىك ساياھەتچى تايلاندنىڭ ساياھەتچىلىكىدىن گۇمانلاندى. نۆۋەتتە 34 دۆلەت ۋە رايون تايلاندقا ساياھەتكە بېرىش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى. تايلاند ساياھەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزلۈكسىز داۋاملاشقان سىياسىي تەۋرىنىش ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا تايلاندقا بارغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 كۆپەيدى، 11-ئايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پائالىيىتى پارتلىغاندىن بۇيان، ساياھەتچى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، كەسىپ ئەھلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش سىياسەت ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق، بىز بۇنىڭدىن بىر قەدەر خاتىرجەم بولدۇق، ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تايلاندتا ساياھەت جانلىنىدۇ، ئەمما بۇ يىل يېقىنقى مەزگىلىدە، تايلاندقا ساياھەتكە كېلىدىغان چەتئەللىك ساياھەتچى نورمال سەۋىيەدىن تەخمىنەن 400 مىڭ ئادەم قېتىم ئازايدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەت ئىچىدە ساياھەتچىنىڭ سانىمۇ %30 ئازايدى، ساياھەت كىرىمىنىڭ زىيىنى 4 مىليارد تايلاند باتىدىن ئاشتى.

  تايلاند دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ساياھەتچىلىككە بولغان تەسىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ چەتئەلدە تەسىس قىلغان 27 ئىشخانىسى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ مەسلىھەتنى تاپشۇرۇۋالدى، ئاساسلىق تايلاندنىڭ قاتناش ئەھۋالى ۋە ئايرودرومنى قوغداش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى مەسلىھەت بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ساياھەت پىلانىنى بىكار قىلغان.

  تايلاندنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى تەۋرىنىش جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تايلاند ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، سىياسىي قاتلامدىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ تۆمۈر يول، سۇ ئىشلىرى، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە مائارىپتىن ئىبارەت تۆت نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەسى بېكىتىلدى، كۆپ خىل ھۆكۈمەت ھەمكارلىق تۈرى پىلانلانماقتا؛ ئەل ئىچى قاتلىمىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ تايلاندقا بولغان سېلىنمىسى يىلسېرى كۆپەيدى، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل، يېڭى ماتېرىيال ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئۆي مۈلۈك كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى سېلىنما كۆپەيدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، تايلاندنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى تەۋرىنىش بىر قىسىم جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تايلاندقا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بەزى ھۆكۈمەت ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇغا بولدى؛ ئەمما ئۇزاقتىن قارىغاندا، جۇڭگو تايلاند ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق ئومۇمىيلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

  ئىلگىرى كۆپ قېتىم تايلاندتا سودا تەكشۈرۈشىدە بولغان شياڭگاڭ جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېڭ جىۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاندنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇشتىن ئەمدىشە قىلغانلىقتىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى تايلاندقا بېرىپ مەبلەغ سېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى. 2006-يىلىدىن بۇيان، تايلاندتىكى قىزىل ۋە سېرىق مايكىلىقلارنىڭ توقۇنۇشى ئۈزۈلمىدى، ئەمما جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش مەسىلىسىدە ھەر قايسى گۇرۇھلار ئەزەلدىن بۇنى قوللاپ كەلدى. جۇڭگولۇقلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ئىقتىسادىي جەمئىيەتتە جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق خەلققە ياقىدۇ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  تارىخىي تەجرىبىدىن قارىغاندا، تايلاندنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشقان، ھاكىمىيەت گەرچە كۆپ قېتىم ئالماشقان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ھۆكۈمەت ئۆتكەن نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىمزالىغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئەھۋال پات پات يۈز بېرىپ تۇردى.

  تايلاند جۇڭگو لويۇڭ سانائەت باغچىسىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ گېنلو مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۈرئىتى ۋە تايلاند بازىرىغا بولغان چۈشىنىشىنى سىنايدىغان مەزگىل. جۇڭگو كارخانىلىرى كەڭ كۆلەمدە چەتئەلگە يۈزلەنمەكتە. چەتئەللەردە ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرى چەكلىك بولغاچقا بىر قەدەر ئېھتىياتچان بولماقتا، چوڭ خەۋپكە دۇچ كېلىشتىن قورقماقتا. گەرچە كۆپ قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، تايلاند ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلىدى، تايلاندتا يەنىلا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بار
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر