باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماندىلانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىگە نەزەر(2)

2013.12.11 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1992-يىلى 4-ئۆكتەبىردىن 10-ئۆكتەبىرگىچە، جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماندېلانىڭ جۇڭگو سەپىرى ئاخىرى ئوڭۇشلۇق باشلاندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدىكى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇخبىرى تېڭ ۋېنچى ماندېلا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا ئۇنى زىيارەت قىلغان، تېڭ ۋېنچى ماندېلا مەن جۇڭگودا سەددىچىن سېپىلى ۋە ئىنقىلاب تارىخىدىكى ئەھمىيەتلىك جايلارنى كۆرىمەن دېدى، ئۇ بىزدىن قىزىل ئارمىيە ئۆتكەن كۆۋرۈكنىڭ ھازىرمۇ بار-يوقلۇقىنى سورىدى. بىز ماندېلا بەلكىم دادۇخې دەرياسىدىكى زەنجىر كۆۋرۈكنى كۆرسەتسە كېرەك دەپ ئويلىدۇق دېگەن.

  ماندېلا 1-قېتىملىق جۇڭگو سەپىرىدە زەنجىر كۆۋرۈكنى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن سەددىچىن سېپىلىنى كۆرۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. زىيارەت مەزگىلىدە، ماندېلا جۇڭگونىڭ سەمىمىي كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. رەئىس ياڭ شاڭكۈن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى، باش سېكرېتار جياڭ زېمىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى، باش مىنىستىر لى پېڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىگە ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل ۋە ئەشيا ئىئانە قىلدى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماندېلاغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى. كۈتۈۋېلىشنىڭ ئۆلچىمى يۇقىرى بولۇپ، دۆلەت باشلىقىنى كۈتۈۋالغانغا ئوخشاش ئىدى. ماندېلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزۈم ئېرىشكەن سەمىمىي كۈتۈۋېلىش ۋە ئالىي ئۆلچەم مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى دېدى.

  ماندېلا 1994-يىلى 5-ئايدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تۇنجى قېتىملىق كۆپ خىل ئىرق چوڭ سايلىمىدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى. ئۇ پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەيدانىنى ھۆرمەتلەش ھەم 1971-يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا 1998-يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 1999-يىلى 5-ئايدا، ماندېلا پىرېزىدېنتلىق مۇددىتى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت باشلىقى سالاھىيىتىدە ئاخىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. ماندېلا جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى قىممەتلىك قوللىدى، بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز دېدى.

  جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 15 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى. بۇ يىل 11-ئايدا، جۇڭگو جەنۇب پاراۋۇز گۇرۇھى جۇجۇ ئېلېكتىر ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي ئافرىقىغا ئېكسپورت قىلغان تۇنجى قېتىمدىكى توكلۇق ماشىنا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مەمۇرىي پايتەختى پىرىتورىيەدە رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. بۇ-ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىغا توكلۇق ماشىنا ئېكسپورت قىلىشى. يەرلىك بۇ يېڭى توكلۇق ماشىنىغا «ماندېلا» دېگەن نامنى بېرىپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ ئاساسچىسى ۋە يول ئاچقۇچىسىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر