باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا مىسىرنىڭ تەييارلىقى پۈتتۈمۇ؟(2)

2013.12.11 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ئاۋان سانائەت رايونى مەبلەغ سېلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەخمەد سەيىد مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مىسىرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تۈر ئىجازىتى، بارلىق ھوقۇق قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ جەريانى كۆپىنچە ھاللاردا مۇرەككەپ، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭدىن چارچاپ قالىدۇ. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسيۈت ئۆلكىسىدە بىر سودىگەر بىر تىل مەكتىپى ئاچماقچى بولدى، ئەمما مىسىر يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى تاللاپ بەرگەن چۆللۈكنى تېرىلغۇ قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىككى يىل ۋاقىت كەتتى.

  سەيىد مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىگە تايىنىپلا نۇقۇل ھالدا مەبلەغ جەلىپ قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، مىسىر ھۆكۈمىتى تۈرنى تەستىقلاش رەسمىيىتى ۋە بانكا قەرز بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، مەبلەغ سېلىش قانۇن بەلگىلىمىسىگە تۈزتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىش كۈچنى كۈچەيتىكىلى بولىدۇ.

  مىسىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا قارىتا، پارس دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ساداسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىنىڭ دۇبەيگە جايلاشقان ئەلفا 1-نومۇرلۇق شىركىتىنىڭ باش لىدىرى مالىك مىسىرغا مەبلەغ سلىشتىن ئۈمىدۋار ئېكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ، مىسىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشىلانماقتا، دەپ ھېسابلىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئازىب شىركىتىنىڭ كەسپ كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ بىر ئالى باشقۇرغۇچىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىر مىسىرغا مەبلەغ سېلىشنى مۇزاكىرە قىلىش بالدۇرلىق قىلىدۇ، ئاز دېگەندە مىسىر ۋەزىيىتى مۇقىملىششى كېرەك، ئالايلۇق، پارلامنت ۋە مىسر زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىن ئويلىشىش كېرەك. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم تەكلىپكە بىنائەن مۇنبەرگە قاتناشقىلى كەلدىم ھەمدە ھېچقانداق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئويلاشمىدىم.

  مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بىبۇلاۋى قاتارلىق ئەمەلدارلار مۇنبەردە نەچچە قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ ئاڭلىماققا كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ. ئەمما بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق مەڭگۈ مەبلەغ سالغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، بۇمۇ ھەم مىسىر ۋەزىيەت ۋەزىيىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ قىيىن مەسىلە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر