باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا مىسىرنىڭ تەييارلىقى پۈتتۈمۇ؟(2)

2013.12.09 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەيىد مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىگە تايىنىپلا نۇقۇل ھالدا مەبلەغ جەلىپ قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، مىسىر ھۆكۈمىتى تۈرنى تەستىقلاش رەسمىيىتى ۋە بانكا قەرز بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، مەبلەغ سېلىش قانۇن بەلگىلىمىسىگە تۈزتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىش كۈچنى كۈچەيتىكىلى بولىدۇ.

  مىسىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا قارىتا، پارس دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ساداسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىنىڭ دۇبەيگە جايلاشقان ئەلفا 1-نومۇرلۇق شىركىتىنىڭ باش لىدىرى مالىك مىسىرغا مەبلەغ سلىشتىن ئۈمىدۋار ئېكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ، مىسىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشىلانماقتا، دەپ ھېسابلىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئازىب شىركىتىنىڭ كەسپ كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ بىر ئالى باشقۇرغۇچىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىر مىسىرغا مەبلەغ سېلىشنى مۇزاكىرە قىلىش بالدۇرلىق قىلىدۇ، ئاز دېگەندە مىسىر ۋەزىيىتى مۇقىملىششى كېرەك، ئالايلۇق، پارلامنت ۋە مىسر پىرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن ئويلىشىش كېرەك. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم تەكلىپكە بىنائەن مۇنبەرگە قاتناشقىلى كەلدىم ھەمدە ھېچقانداق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئويلاشمىدىم.

  مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بىبۇلاۋى قاتارلىق ئەمەلدارلار مۇنبەردە نەچچە قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ ئاڭلىماققا كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ. ئەمما بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق مەڭگۈ مەبلەغ سالغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، بۇمۇ ھەم مىسىر ۋەزىيەت ۋەزىيىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ قىيىن مەسىلە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر