باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاپتوموبىللىق بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 52 كىشى قازا قىلدى

2013.12.06 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن ئەلى بىخەتەرلىك كومىتېتى 5-دېكابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پايتەخت سانا شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى چۇشتىن بۇرۇن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىنىڭ ئاپتوموبىللىق بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشغا ئۇچرىدى، ئارقىدىن بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان شىددەتلىك ئۇرۇشتا 52 كىشى قازا قىلدى، 167 كىشى يارىلاندى.

  ئالىي بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇنداق دېدى: بازا تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پىلانلىغان.

  بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆھبىسى يەمەننىڭ جەنۇبىي رايونىدا ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، يەمەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ياردىمى ئارقىسىدا، 2012-يىلدىن باشلاپ بازا تەشكىلاتىنى تازىلاشقا باشلاپ، بازا تەشكىلاتىنى تاغلىق رايونغا چېكىنىشكە مەجبۇرلىغان. بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى يەنىلا قەستلەش ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر