باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ش ئا ئە ت نىڭ ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورنىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، دېدى

2013.12.06 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 4-دېكابىر بىريۇسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ش ئا ئە ت ـــ روسىيە كېڭىشى يىغىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى 6 دۆلەت ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش 1-باسقۇچلۇق چارىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، ئىران يادرو پىلانى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى ئاستىدا بولىدۇ، ش ئا ئە ت نىڭ ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىقا قارشى سىستېما ئورنىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.

  2011-يىلى 11-ئايدا، ش ئا ئە تەشكىلاتىدىكى 28 دۆلەت رەھبەرلىرى لىسابون يىغىنىدا ياۋروپانى قاپلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرۇشنى قارار قىلغان ھەم بۇ سىستېمىنى ئاساسلىق ئىراندىن كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدۇ، دېگەن. باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما مەسىلىسىدە ش ئا ئە ت روسىيەنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان، بىراق روسىيە بۇ سىستېمىنى ئۆزىنىڭ يادرو تەسىر كۈچىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە ھازىرغىچە ئىلگىرىلەش بولمىغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر