باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى «ئەڭ قىممەت داۋالىنىش ھەققى» توغرىسىدىكى قاراشلار(2)

2013.12.04 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىيۇيوركلىق 29 ياشلىق دىياس نەشپۈت ئاقلاۋاتقاندا بارمىقىنى يارىلاندۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن لىنوكېس دوختۇرخانىسىغا بېرىپ بارمىقىنى بەش يىپلىق تىككەندە 3355.96 ئامېرىكا دوللىرىلىق داۋالاش چىقىم تالونى تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، فلورىدا شتاتىدىن بولغان جىكسون.ۋېرىس، 56ياشلىق روبىزلارنى ئىت چىشلىۋالغاندا ئۈچ يىپلىق تىككەن بولۇپ، 2000 ئامېرىكا دوللىرىلىق داۋالاش چىقىم تالونى تاپشۇرۇۋالغان. مىچىگان شتاتىلىق 22-ياشلىق ستۇدېنت ماننىل ئۆز ئۆيىدىكى ماشىنا يولىدا يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغاندىن كىيىن، يارا ئېغىزىنى ئالتە يىپلىق تىككەن بولۇپ، 3000 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن داۋالاش چىقىم تالونى تاپشۇرۇۋالغان.

  «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ دېيىشىچە، ئاشكارا بولماسلىق ۋە تالونلارنىڭ پاخاللىشىپ كېتىشى بىلەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن داۋالاش سىستېمىسىدا، دوختۇرخانىلارنىڭ ھەق ئېلىشى ئەڭ « غەلىتە» ئىكەن. دوختۇرخانىلارنىڭ ئالغان ھەققى پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ يىللىق داۋالاش ئومۇمىي چىقىمىنىڭ 1/3 قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ «لوق گۆش»ھېسابلىنىدىكەن، ھەم داۋالاش ھەققىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ھەرگىزمۇ داۋالاش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك «رولچى» بولغانلىقىدىن بولۇپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك بازارلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ھېچقانداق باھا بەلگىلىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر