باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ(2)

2013.12.04 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچىنچى، ئوتتۇرا شەرق رايونى ئەللىرى ئىراننىڭ رايوندىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قېلىپ، جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەتتە زور داۋالغۇش پەيدا قىلىشىدىن قورقىدۇ. ناۋادا يادرو سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولسا، ئەڭ ئاخىردا خەلقئارا جەمئىيەت ئىرانغا يۈرگۈزگەن بارلىق جازالارنى بىكار قىلىدۇ، ئىران بىر نورمال دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام دۇنياسى ۋەزىيىتىگە باش بولۇشى كەلمەسكە كەتتى. نېفىت زاپىسى، پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن قارايدىغان بولساق، ئىران ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن 1979-يىلىدىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىل غەربنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئىراننىڭ دۆلەت يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىزچىل پۇرسەت بولماي كەلدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئىران، ئىراقتىن باشقا، شىئە مەزھىپى كۈچلىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمىغاچقا، ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى جىددىي بولۇپ كەلدى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى، بەھرەين، كۇۋەيت، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە شىئە مەزھىپى بىلەن سۈنئىي مەزھىپىنىڭ كۈرىشى ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى. ئىراننىڭ لىۋان، سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىندە ئۆز ۋاكالەتچىلىرى ۋە تەسىر كۈچى بار شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىندىكى شىئە مەزھىپى توپىغا سىڭىپ كىرمەكچى بولدى. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا: ئوتتۇرا شەرق رايونىدا پەقەت ئىراننىڭ قوللىشى ئارقىسىدا شىئە مەزھىپى چوڭ ۋەزىيەتتە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننى جازالىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغاندىن سىرت، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت بۇ رەقىبلەر بىرلىشىپ ئۆزئارا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى، يېقىندىن بۇيان بەزى خەۋەرلەردە: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشىگە يول قويدى دېيىلدى.

  تۆتىنچى، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە جەنۋە يىغىنىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق ئاتا قىلىنىدۇ. ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۆزئارا مۇرەسسە قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى ئېغىرلاپ كەتتى. ئامېرىكا ناۋادا سۈرىيە مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلسا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بولدى قىلمايدۇ، ئەكسىچە سەئۇدى ئەرەبىستانى سۈرىيە مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ ئىرانغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سۈنئىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر