باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا ئائىلە زوراۋانلىقىنى يوقىتىش كۈنى توغرىسىدا

2013.11.27 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن «خەلقئارا ئائىلە زوراۋانلىقىنى يوقىتىش كۈنى»، بۇ «خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  1960-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، دومىنىكالىق ئۈچ ئايال يەنى مىللابېر فامىلىلىك ئۈچ ئاچا-سىڭىل دومىنىكادا قەستكە ئۇچرىغان. بۇ ئىشنى ئەستىن چىقارماسلىق ئۈچۈن 1981-يىلى 7-ئايدا ئېچىلغان 1-نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ئاياللار ھوقۇقى يىغىنىدا 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى، ھەمدە 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئالاقىدار تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلەش قارار قىلىندى.

  1999-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى تاپشۇرغان لايىھە تەستىقلاندى، رەسمىي قارار چىقىرىش ئارقىلىق، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلقئارا ئائىلە زوراۋانلىقىنى يوقىتىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.

  ئائىلە زوراۋانلىقى مەسىلىسى بارغانسېرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ. ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردىن كۆرسىتىلىشچە، دۇنيادا ئاز دېگەندە 3\1 قىسىم ئايال بىر ئۆمۈر ئائىلە زوراۋانلىقىغا، خورلۇققا ئۇچرايدىكەن، ئۇلارغا زۇلمەت سالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزاسى ئىكەن. تارىختىن بۇيانقى ئەر ئاياللارنىڭ باراۋەر بولماسىلىقى، شۇنداقلا ئاممىۋى سورۇن ياكى شەخسىي تۇرمۇشتا ئاياللارنى كەمسىتىش ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. بۇ خىل قىلمىش ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلغانلىق، بۇخىل زوراۋانلىق ئائىلىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون بۇ يىل خەلقئارا ئائىلە زوراۋانلىقىنى يوقىتىش كۈنىدە سۆز قىلىپ، زوراۋانلىق بىلەن ئاياللار ۋە قىزلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان قىلمىش زىيان كەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە بارلىق ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارلىق خەلقنىڭ يەنە بىر قېتىم ۋەدە بېرىپ، بارلىق شەكىلدىكى زوراۋانلىق بىلەن ئاياللار ۋە قىزلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان قىلمىشنى چەكلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر