باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىراننىڭ يادرو مەسىلسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولدى

2013.11.27 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو پىلانى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان، ئۇلارنىڭ يادرو تېخنىكىسى ئەينى ۋاقىتتا مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىن كىرگۈزۈلگەن.

  1980-يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىران يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىشنى باھانە قىلىپ، يادرولۇق قورال تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىنى يوشۇرىۋاتىدۇ دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلەپ، ئىرانغا چەكلەش سىياسىتى قوللانغان.

  2003-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئىران ئۆزىنىڭ يادرولۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يېقىلغۇ بولىدىغان ئۇراننى بايقىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى قۇيۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدىغان كېيىن، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىن قاتتىق گۇمانلانغان. خەلقئارا ئاتون ئېنېرگىيەسى ئورگىنىمۇ ئىراننىڭ ھەمكارلىشىشىنى ھەمدە «يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغان.

  2003-يىلى 12-ئايدا، ئىران «يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك ئەھدىنامىسى» قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى، ھەمدە ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى توختاتتى.

  بىراق شۇنىڭدىن كېيىن، ئىران بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا قويۇلدۇرۇلغان ئۇران قاتارلىق ئاتوم ئېنېرگىيەسى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ تۇغۇلدى. 2006-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىران توختىتىپ قويغىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان يادرولۇق يېقىلغۇنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى جاكارلىدى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى يەنە قىززىپ كەتتى.

  2006-يىلى 7-ئايدا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراننى جازالاش توغرىسىدىكى نۇرغۇن قارارلارنى ماقۇللىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشگە دائىمىي ئەزا 5 دۆلەت بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا 6 دۆلەت مەسىلىھەتلىشىش مېخانىزىمى بەرپا قىلدى.

  2008-يىلى 7-ئايدىن بۇيان، 6 دۆلەت ئىران بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشتى، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ قويۇلدۇرۇلغان ئۇران، جازالاش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى ئىختىلاپلىرى كۆپ بولغاچقا، سۆھبەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە چىقمىدى.

  2013-يىلى 8-ئايدا ئىراننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى رۇھانى ۋەزىپىگە چىققاندىن بۇيان، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە يېڭى پۇرسەت تۇغۇلدى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى غەرب ئەللىرى ئۇزاق مۇددەت جازا يۈرگۈزگەچكە، ئىراننىڭ ئىقتىسادى زور تەسىر ئۇچرىغانلىقتىن بولغان ئىكەن.

  9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارىف تۇنجى قېتىم ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرلىرى بىلەن ئىرانىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى.

  10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران جەنۋەدە ئىراننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ئۈچ نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ قارالمىسىنىڭ مۇددىتتى كەينىگە سۈرۈلدى، بۇ سۆھبەتتە ئىككى تەرەپنىڭ قىسمەن مەسىلىلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  11-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن تېھراندا ھەمكارلىق لايىھەسى ئىمزالاپ، بۇ ئورگان خادىملىرىنىڭ بىر قىسىم يادرو ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشىگە قوشۇلدى. بۇ بۇ نۆۋەتلىك جەنۋە سۆھبتىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر