باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە خەلقئارالىق يىغىنغا شەرتسىز قاتنىشىدىكەن

2013.11.25 17:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ب د ت تور بېكىتىنىڭ 1 – نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى ئىبراھىمىنىڭ باياناتچىسى ماتار 31 – ئۆكتەبىر مۇنداق دېگەن: سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىبراھىمى بىلەن كۆرۈشكەندە 2–قېتىملىق جەنۋە خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ماتار يەنە مۇنداق دېگەن: ئىبراھىمى سۇرىيەنىڭ 2–قېتىملىق جەنۋە خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان – خالىمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سۇرىيەنى زىيارەت قىلغان. ئىبراھىمى بەشىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلار جەنۋەدىكى خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىشنى شەرتسىز خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىبراھىمى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى ۋە ئاياللار كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلار 2 ـ قېتىملىق جەنۋە خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ھەمدە سۇرىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 2 – قېتىملىق جەنۋە خەلقئارالىق يىغىنى سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنى پەيدا قىلغان ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلىغاندا ھەمدە بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا تەييار بولغاندا ئاندىن ئېچىلىدۇ. ۋاقتىنى ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كېمون بېكىتىدۇ.

  ئىبراھىمى 28 – ئۆكتەبىر دەمەشىققە يېتىپ بارغان ھەمدە 30 – ئۆكتەبىر بەشىر بىلەن كۆرۈشكەن. سۇرىيەنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىبراھىمى مىسىر، ئىراق، ئومان، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 2 – قېتىملىق جەنۋە خەلقئارالىق يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

  تۇنجى قېتىملىق سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە خەلقئارالىق يىغىنى 2012 – يىلى ئىيۇن ئېچىلغان. يىغىنغا قاتناشقانلار سۇرىيەدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرگە سۇرىيە خەلقى يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك، دېگەن پىكىردە بىرلىك ھاسىل قىلغان. 2 – قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىك كېلەلمىگەچكە ھازىرغىچە ئېچىلمىغان.

  يەنە بىر خەۋەر: ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ دەلىللىشىچە، ئىسرائىلىيە 31 – دېكابىر سۇرىيەنىڭ لاتاكىيا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇلارنىڭ نىشانى رۇسىيەنىڭ بۇ بازىغا ئورۇنلاشتۇرغان «SA-125» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئىكەن. لېكىن، بۇ ئەمەلدار ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.

  سۇرىيەنىڭ بىر ھەربىي بازىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كىشىلەر بۇ ھۇجۇمنى ئىسرائىلىيە قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقانىدى. ئامېرىكا مېدىيالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى سۇرىيەگە ھۇجۇم قىلدى، دېگەن خەۋەرنى تارقاتقان بولسىمۇ، لېكىن، يا ئىسرائىلىيە، يا سۇرىيە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

  ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلغار قوراللارنىڭ سۇرىيە ئارقىلىق لىۋان ئاللا پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەتتا سۇرىيەدە لىۋانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتناش لىنىيەسى بار، دەپ قاراپ، سۇرىيەنىڭ ھەربىي بازىسىغا ئىككى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر