باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇش قىسىملىرىغا قومانلىق قىلىش رولىنى ئوينىدى(2)

2013.11.25 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون ئاپەت رايونىغا ئاۋىياماتكا ئەۋەتتى، بۇندىن ئىلگىرى يېتىپ بارغان ئىسرائىلىيە، كانادا، ئاۋىسترالىيە، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قۇتقۇزۇش قىسمى ئەۋەتكەن، شۇڭا ئاپەت رايونىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرىدىن 10دىن ئارتۇراقى بار. مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇش قىسىملىرى نامدا فىلىپپىن ھۆكۈمىتىگە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسى باش بولۇپ قومانلىق قىلىش رولىنى ئوينىغان، ئاپەت رايونىغا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇش قىسىملىرىنى ئەتراپىغا يىغىپ، ئاپەت رايونىدا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش تورى بەرپا قىلغان.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىمسى قوماندانلىق ئىشتابى چۈشەندۈرۈپ: بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يىللىق ھەربىي مانىۋېرىمىزدا پىلانلىغىنىزمىغا ئوخشاش بولدى، دېگەن. مۇخبىرنىڭ ئىگەلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان باش ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ قوماندانى گېنىرال لېيتنانت جون ۋېستلېرنى 505 بىرلەشمە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن قىسىمنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەپ، فىلىپپىنىڭ ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلگەن بارلىق ئامېرىكا ئارمىيەسى قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغىنى، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقدىشى دەپ نام ئالغان ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى ئاپەت رايونىغا 1000 ئەسكەر ئەۋەتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىغا ھەم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قسىمىغا ئالاقە باغلاپ ماسلاشتۇرۇش ئەمەلدارى ئەۋەتىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ لېكىن ياپونىيەنىڭ قوغدىنىش قىسمى ئامېرىكىنىڭ قوماندانلىق قىلىش تەلىپىگە قوشۇلمىغان، قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن ياپونىيە تاراتقۇلىرى فىلىپپىنگە كېلىپ، قوغدىنىش قىسمىنىڭ چەتئەلدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكىتىنى خەۋەر قىلىشقا تەييارلىق قىلغان.

  توختىماي كېلىۋاتقان چەتئەل ئارمىيەلىرىنى كۆرۈپ ئاپەت رايونىدىكى خەلق تەشنالىققا چۆمدى. 28 ياشلىق تاكلوباندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى مېرى ئاروندى: مەن نۇرغۇن ئامېرىكا ئايروپىلانى كەلدى دەپ ئاڭلىدىم، مەن چوقۇم ئايرودۇرۇمغا بېرىشىم كېرەك، بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەن ئاران ئىككى ۋاق تاماق يېدىم، يامغۇر سۈيى ئىچتىم دېدى. 81 ياشلىق ئارىتا ھاياجانلىنىپ: ئامېرىكىلىقلار نەدە، ئۇلار بىزگە گۈرۈچ ئېلىپ كەپتۇمۇ؟ بىر قانچە كۈن بولدى مەندە ئاشلىق ۋە دورا تۈگىدى، دېدى. تاكلوباندىكى بىردىن بىر دوختۇرخانىنىڭ ئۆگىزىسى يوق، ھەتتا سۇ ۋە توكىمۇ يوق. بىر ئايال ئۈمىدسىز ھالدا قولى بىلەن يارىلانغان يولدىشىغا ئوكسىگىن يەتكۈزۈۋاتاتتى، دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى جىددىيلىشىپ، ھەممىسى ئامېرىكىلىقلارنى كەلدى دەيدۇ ھەجەپ مەن ھېس قىلالمىدىمغۇ دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر