باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاكىنونىڭ كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلىشى خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك(2)

2013.10.31 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاكىنو بىر خىل تەكەببۇر پوزىتسىيىسى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاتتىق قوللىغىنى ئىپادىلىدى، ئەمما يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈۋالدى، ئۇ پاكىتتىن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتەك ھاياتلىققا سەل قاراشتەك سوغاققانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ يىل 5-ئايدا يۈز بەرگەن فىلىپپىن دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ تەيۋەنلىك بېلىقچىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، فىلىپپىن دائىرىلىرى دەسلەپتە ھەدەپ ئۆزىنى ئاقلىدى، ئېغىرىدىن قېچىپ، يېنىكىگە ئېسىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى، بۇ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. ئوخشاشلا، فىلىپپىن دائىرىلىرىنىڭ مانىلاردىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كەينىگە سۆرىشى فىلىپپىننىڭ شياڭگاڭدىن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغىچە بولغان مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق تەسىر يەتكۈزدى.

  يېقىندا مانىلا شەھەرلىك پارلامېنت قارار ماقۇللاپ، فىلىپپىننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، ھازىرقى مانىلا شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەستىراداغا مانىلادىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىن جۇڭگو، جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن كەچۈرۈم سوراش ھوقۇقى بەردى. فىلىپپىن يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىجابىي قەدىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئەمما فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇ يېقىندا جۇڭگو رەھبەرلىرىگە ۋەقەنى كۈچىنىڭ بىرىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى، ھازىر يەنە كەچۈرۈم سورىماسلىق مۇقامىنى قايتىدىن توۋلىماقتا، بۇ مانىلادىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىكى قېپقالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سەمىمىيىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ مانىلا يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ياراشتۇرۇشتىكى ئىجابىي ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى قولغا كەلتۈرمەكتە، مەركىزىي ھۆكۈمەتمۇ دىپلوماتىك يول ئارقىلىق، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنى يۇقىرىقى تەلەپكە ئەھمىيەت بېرىشكە دەۋەت قىلماقتا. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ۋە ئاكىنو زۇڭتۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سەمىمىيلىك بىلەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىكى قېپقالغان ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ ۋاقتى كېلىپ قالدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر