باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇن «فوربىس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخس بولۇپ باھالاندى

2013.10.31 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «فوربىس» ژۇرنىلى يېقىندا دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخسلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

  بۇ تىزىملىككە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخس بولۇپ باھالىنىپ، ئۇدا ئىككى يىل بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامادىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تىزىملىككە دۇنيادىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىيون، ئىقتىسادشۇناس ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن 72 كىشى كىرگۈزۈلگەن. رۇسىيەدىن بۇ تىزىملىككە كىرگەنلەردىن يەنە رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ (53-ئورۇندا)، رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئىگور سەچىن (60-ئورۇندا)، رۇسىيەدىكى ئەڭ باي ئەلىشىر ئوسمانوۋ (63-ئورۇندا) بار ئىكەن. (ليۇ شۈ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر