باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كۈچ سىنىشىشى داۋام ئەتمەكتە(2)

2013.10.17 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پەرەس يانوكوۋىچ 2010-يىلى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېز ئەسلىگە كەلدى. رۇسىيە ئۇكرائىنانى پۈتۈن كۈچى بىلەن يېنىغا تارتسىمۇ لېكىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىش دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويماستىن، ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا ئاجىز تەڭپۇڭلۇقنى ئېھتىيان بىلەن ساقلاپ كەلدى. يانوكوۋىچ ئىلگىرى: رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇكرائىناغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، ئۇكرائىنا غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىشەنچلىك كۆۋرۈك بولۇشى كېرەك دېگەن ئىدى.

  كارنىك موسكۋا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى رىيابوف مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇكرائىنا ئىككى قېيىققا دەسسىمەكچى. ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى نىسبەتەن يېقىن، لېكىن ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى باغلاپ قويۇشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، شۇڭا رۇسىيە بىلەن ئارىلىق ساقلىماقچى. ئۇندىن باشقا، ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلار بولۇپ، غەربنىڭ مەبلىغى ۋە تېخنىكا ياردىمىگە موھتاج. شۇڭا ئۇ شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئىستراتېگىيىسىدىكى بوشلۇق بىر مەھەل غەربنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلدى، شۇڭا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى پەسەيتمە بەلۋاغ بولغاچقا، ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى رۇسىيە ئۈچۈن ناھايىتى گەۋدىلىك. شۇڭا، رۇسىيە ئامالىنىڭ بېرىچە ئۇكرائىنانى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇنى ئۆزىدىن قاچۇرمايدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۇنىۋېرسال دۆلەتلەرنىڭ كۈچ رۇسىيەدىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئۇكرائىنا ناۋادا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا قاتناشمىسا، پۇتىن بەلگىلىگەن رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش خەرىتىسىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا رۇسىيە ئامال بار ئۇكرائىناغا قاتتىق يۇمشاق بولۇشتىن ئىبارەت بېسىم قوللىنىدۇ.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان «دۇنيا سىياسىيسىدىكى رۇسىيە» دېگەن ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى لۇكىيانوۋىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئۇكرائىنانىڭ سىياسىيسى ناھايىتى مۇرەككەپ، رۇسىيە پەرەس پىرېزىدېنت يانوكوۋىچ دۆلەت باشقۇرسىمۇ، ئۇكرائىنا جەمئىيىتى بىلەن سىياسىي سەرخىللىرىنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى يەنىلا ئوخشاش ئەمەس، كىيىۋ موسكۋانىڭ پىچكىسىغا ئايلىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا، ئۇكرائىنا جەمئىيىتى قۇدرەتلىك رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر