باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: خەلق پۇلى ئامېرىكا دوللىرىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىن سىقىپ چىقىرىشى مۇمكىن

2013.10.17 11:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئاۋازى رادىيو ئىستانسىسى يېقىندا خەلق پۇلى ئامېرىكا دوللىرىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىن سىقىپ چىقىرىشى مۇمكىن دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئامېرىكا خامچوت كرىزىسىنىڭ داۋاملىشىشى كىشىلەردە گۇمان تۇغدۇرماقتا. ۋاشىنگتونمۇ بەلكىم قەرز تۆلەشتىن قېچىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق سۆز چۆچەكلەر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قەرز ھوقۇق دۆلىتى جۇڭگونىمۇ خامچوتنى تەڭشەشكە باشلاپ كىرىدۇ. بۇ رۇسىيە «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرى.

  ھەقىقەتەن، جۇڭگونىڭ ئەندىشە قىلىشنىڭ ئاساسى بار. بىلىش كېرەككى، بۇ دۆلەت ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئامېرىكىغا بەرگەن قەرز سوممىسى بىر تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. لېكىن بېيجىڭنىڭ ۋاستىچى ئارقىلىق، ئامېرىكىغا قىممىتى بار قەرزلىك سالىدىغان مەبلىغىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.

  بىر قىسىم ماتېرىيالدىن ئايان بولۇشىچە، ۋاشىنگتون بېيجىڭغا ئۈچ تىرىليون 500مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك قەرزكەن. ئەمما مەيلى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى كرىزىسىنى ھەل قىلىشى قانداق بولسۇن، جۇڭگو زىيان تارتمايدۇ. كەلگۈسىدە جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ زادى قانچىلىق قەرزنىڭ بارلىقىنى جاكارلايدۇ، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سالغان شىركىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئامېرىكىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ. كونكرېت قەدەم باسقۇچقا چېتىلىدىغاندا، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ قەرز قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى جاكارلىشى مۇمكىن، مۇشۇنداق بولغاندا ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن پاي چەك ئارقىلىق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئالدى بىلەن شەرقى ئاسىيادا تىجارەت قىلىۋاتقان نېفىت، تىرانسپورت ۋە مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى. بۇ شىركەتلەرنىڭ قىسمەن كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خامچوت كرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو خەلق پۇلىنى يەنە بىر خىل دۇنيا پۇلى قىلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بېيجىڭنىڭ خەلق پۇلىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئاساسلىق ھېسابات قىلىش قۇرالىغا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى خىلىلا زور بولىدۇ.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان «ھەقىقەت گېزىتى» ھۆكۈمەت تورى جۇڭگو ئىقتىسادى ئامېرىكا مەۋجۇت بولمىسىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، دەپ يازغان. ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ قول ھۈنەر تېخنىكىسى بويىچە بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىشلەپچىقارغان ئامېرىكىنىڭ چوڭ شىركەتلىرى بۇ دۆلەتكە قىزىقماس بولۇپ قالدى. جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بار ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى جۇڭگودىن چېكىنىش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك. ئاساسلىق سەۋەبى- جۇڭگونىڭ ئەمگەك كۈچى ھەققى قىممەتلەشكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە يۆتكەشكە تەييارلىق قىلماقتا، ئەمما ئۇ يەرنىڭ تەننەرخىمۇ ئاشماقتا. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكىلىقلار بۇ جەرياندىن ناھايىتى كۆپ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. چەتئەلنىڭ جۇڭگودىكى مەبلەغ ئۈلۈشى جۇڭگونىڭ ئومۇمىي مەبلەغ ئۈلۈشىنىڭ %3نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھېچنېمە ئەمەس. ھازىر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئىچكى مەبلەغ ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئەڭ چوڭ مەبلەغ ئۈلۈشى يەنىلا مەملىكەت ئىچىدىكى كارخانىلاردىن كېلىدۇ، ئۇلار %60مەبلەغ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى مەبلەغ ئۈلۈشىمۇ بەك يۇقىرى ئەمەس. چەتئەلنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ ئۈلۈشىدە ئاران %4نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا جۇڭگو ئىقتىسادى ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سودىگەرلىرى ئايرىلغاندىن كېيىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ، دېيىشنىڭ بەك ئاساسى يوق.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان «سودىگەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىمۇ مۇنداق دېيىلدى: 2014-يىلغا بارغاندا، مىليونېرلارنىڭ سانى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىمالى ئامېرىكا بەلكىم جۇڭگوغا ئورۇن بېرىشى مۇمكىن. 2012-يىلى 12-ئايىنىڭ 31-كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، جۇڭگودىكى مىليونېرلارنىڭ سانى 643مىڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايلىق ئومۇمىي سوممىسى ئۈچ تىرىليون 100مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىكەن. باشقا دۆلەتلەر بۇ ساندىن خىلىلا يىراق. بۇ گېزىتىنىڭ تەھلىل ماتېرىيالىدىكى مۆلچەرگە قارىغاندا، جۇڭگودا بايلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتىكەن. شياڭگاڭنى مىليونېرلار شەھىرى دېيىشكە بولىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇ ئاپتونوم رايونى دۇنيادىكى نۇرغۇن بايلارنىڭ يۇرتىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر