باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېرىمغا يېقىن رۇسىيە پۇقراسى ئامېرىكا بىلەن قايتا «سوغۇق ئۇرۇش» بولىدۇ دەپ قارايدىكەن

2013.10.10 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 7-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيىدىكى بىر جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش مەركىزى 7-چېسلا، يېرىمغا يېقىن (%46) رۇسىيىلىك پۇقرانىڭ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا «سوغۇق ئۇرۇش» قايتا پارتلىشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۆت يىل بۇرۇن بۇ خىل كۆز قاراشتا بولغان زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %37 بولغان بولۇپ، ھازىرغا كەلگەندە %45 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئاللىقاچان سوغۇق ئۇرۇش پارتلىدى دەپ قارىغان. ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى %35 پىكىردىكىلەر، بۇ خىل ئېھتىماللىق مەۋجۇت دەپ قارىغان. ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ %70تى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئامېرىكا سىياسىئونلىرىدىن كۆرگەن، رۇسىيە سىياسىئونلىرىدىن كۆرگەن كىشىلەر ئاران %11 ئىكەن.

  9% رۇسىيىلىك ئامېرىكا ئالاھىدە خادىم ئورگىنىنىڭ ئىلگىركى ياللانما خادىمى سىنوتېنغا سىياسى پاناھلىق بېرىش قارارى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسلىق مەسىلە دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قەدەر تۆۋەن نىسبەتتىكى مەسىلىلەردىن، دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى تالىشىش (%6)، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىىيىتى(%6)، ھەربىي ئىشلار مەسىلىسى ۋە سىياسى لۇشيەندىكى ئىختىلاپ (ھەر ئىككىسى %5 دىن) بار بولۇپ، پەقەت %3 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى يادرو قورالى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قارىغان، ئەمما بۇ نىسبەت 2009-يىلى %8 بولغان ئىدى.

  رۇسىيىلىكلەرنىڭ قارىشىچە، خەلقئار تېرورلۇق (%12 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى) بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش (%10) ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەن. %4 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەڭلا يادرو قورالىنى كۆيدۈرۋېتىشنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەردىن يەنە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (%5)، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ھەمكارلىق (%4)، ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق (%2) لار بار ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە رۇسىيىدىكى 130ئاھالىلەر رايونىدىكى 1600 پۇقراغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سىتاتىستىكىدىكى خاتالىق پەرقى %3.4 دىن ئاشمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر