باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىككى پارتىيىنىڭ تالاش-تارتىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۋەتتى

2013.09.30 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئۆكتەبىر ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىش مۇددىتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ خامچوت مەسىلىسىدىكى قۇرۇق تالاش-تارتىشى يەنە داۋاملاشتى. 28-سېنتەبىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كونتروللىقىدىكى ئاۋام پالاتاسى ھەپتە ئاخىرىدا كېچىچە يىغىن ئاچتى ھەمدە 29-سېنتەبىر سەھەردە ۋاقىتلىق پۇل ئاجىرتىش لايىھىسىنى ماقۇللاپ، قوشما شتاتلىق ھۆكۈمەت ئۈچۈن 15-دېكابىرغىچە پۇل ئاجىرتىشقا قوشۇلدى، ئەمما ئوبامادىن داۋالاش ئىسلاھاتىنى بىر يىل ئۇزارتىپ يولغا قويۇش ھەمدە داۋالاش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنلىرى بېجىنى مەڭگۈلۈك بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى خامچوت لايىھىسى بىلەن داۋالاش ئىسلاھاتىنى چېتىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئاق ساراي ۋە دېمۇكىراتلار پارتىيىسى كونتروللىقىدىكى كېڭەش پالاتاسىنىڭ كەسكىن رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئىككى پارتىيىنىڭ خامچوت مەسىلىسىدىكى ئۈزۈل كېسىل تالاش تارتىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر