باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر مۇخبىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېن لادىننى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى چوڭ ئالدامچىلىق دەپ كۆرسەتتى

2013.09.30 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نوپۇزلۇق بىر مۇخبىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن 2011-يىلىدىكى بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ تۈپتىن بىر چوڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  76 ياشلىق سەيمور خېرىش ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشكە ئالاقىدار بايانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، دېگەن. خېرىش ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىشىدىن ئادەمسىز ئايروپىلان ئارقىلىق پارتلىتىش، سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىشقىچە بولغان بىرقاتار مەسىلىلەردە ئاق سارايغا جەڭ ئېلان قىلالمىدى، دەپ تەنقىدلىگەن.

  1969-يىلى، خېرىش ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن مىلەي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادا داڭ چىقىرىپ، ئىككىنچى يىلى پۇلىتزېر خەلقئارا خەۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر