27-سېنتەبىر، زىمبابۋې ۋانكى دۆلەت باغچىسىدا ، بىر ئورمان مۇھاپىزەتچىسى زەھەرلىك سۇ ئىچىپ ئۆلگەن پىلنىڭ جەسىتى يېنىدىن ئۆتمەكتە
زىمبابۋې يەرلىك سوتى 25-سېنتەبىر سوت ئېچىپ ، ۋانكى دۆلەت باغچىسىدىكى 87 دانە پىلنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ئۈچ نەپەر قانۇنسىز ئوۋچىنىڭ ھەربىرىنى 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ، 200 مىڭدىن 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە جەرىمانە قويغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ جىنايەتچىلەر ۋانكى دۆلەت باغچىسىدىكى پىللار سۇ ئىچىدىغان كۆلگە زەھەرلىك ماددا سيانىدنى تۆكۈپ ، پىللار زەھەرلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن چىشىنى سۇغۇرۇۋالغان . ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن پىلنىڭ سانى 87 گە يەتكەن ، بۇنىڭدىن سىرت ، بىر قىسىم شىر ۋە سۇ كالىلىرىمۇ زەھەرلىنىپ ئۆلگەن .