باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ يادرو قورالى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىۋەتتى(2)

2013.09.29 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-سېنتەبىر «ھىندى دىنى مۇرتى گېزىتى» نىڭ باش بېتىدە «ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھىندىستاننىڭ سىياسىي، ئالەم بوشلۇقى ۋە يادرو پىلانى قاتارلىقلارنى نىشان قىلىپ بولدى.» دېگەن باش تېمىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرى ئېلان قىلىندى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپىيەتلىك ھۆججىتىدە «589 ئاخىرقى مەھسۇلات دوكلاتى » دەپ يېزىلغان بولۇپ، «589 ئاخىرقى مەھسۇلات دوكلاتى » ئەڭ يۇقىرى سۈپەت ئارقىلىق تاللاپ چىقىرىلغان مۇھىم ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدىكەن. ھىندىستان ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، «589 ئاخىرقى مەھسۇلات دوكلاتى»دا سىياسىي، ئاۋىئاتسىيە ۋە يادرو مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، مەزكۇر ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەربابلارنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى، قول تېلېفون ئۇچۇرى، تېلېفونى قاتارلىقلار نازارەت قىلىنىدۇ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇھىم ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھەر بىر سىياسىي رەھبەر، ئەمەلدار ۋە پەن-تەتقىقات مۇتەخەسسىسىنىڭ ئۆز-ئارا ئېلىپ بارغان ھەر قانداق ئالاقىسىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ھىندىستان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بەش چوڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغان دۆلەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىران، پاكىستان، جۇڭگو ۋە رۇسىيە قاتارلىقلار. ئامېرىكا «خەلقئارا مالىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 24-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، «يەر شارى قىزىق نۇقتا دىئاگراممىسى» دىن ئايان بولىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىچىدە «توق سېرىق رەڭدىن قىزىل رەڭ» گىچە بولغان ئارلىقتا تۇرىدۇ. جۇڭگو، رۇسىيە ۋە برازىلىيە بولسا يېشىل رەڭدىن سېرىق رەڭگىچە بولغان ئارلىقتا تۇرىدۇ. «يەر شارى قىزىق نۇقتا دىئاگراممىسى» يەنە يۇقىرىدىكى رەڭلەرنى چۈشەندۈردى، يېشىل رەڭدىن قىزىل رەڭگىچە دەرىجىسى مۇنداق بولىدۇ: قىزىل رەڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكت. گېرمانىيە «بېرلىن كۈندىلىك گېزىتى» 24-سېنتەبىر مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى:«دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەتمۇ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .» «ھىندى دىنى مۇرتى گېزىتى» بولسا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھىندىستاننى دۈشمەنلەر قاتارىدا كۆرىدۇ .

  ھىندىستان ئىچكى كابىنېتىنىڭ مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھىندىستاننى بۇنداق يۇقىرى دەرىجىدە نازارەت قىلغانلىقى ھىندىستاننى ناھايىتى نارازى قىلدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«ئەگەر ئامېرىكىلىقلار بىزنىڭ سىياسونلىرىمىزنى نازارەت قىلغان بولسا، يادرو پىلانى، ئالەم قاتنىشى پىلانى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى مۇھىم ئەربابلارنىڭ تېلېفونى، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى قاتارلىقلارنى تىڭتىڭلاپ، ئۇچۇر توپلىغان بولسا، ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا ناھايىتى پايدىلىق ئورۇندا تۇرىۋالىدۇ. بىز سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇلار بىزنىڭ بارلىق ئەھۋالىمىزنى ئىگىلەپ بولغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرز قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىزنىڭ قارار چىقىرىشىمىزغىمۇ دەخلى-تەرز قىلغانلىق بولىدۇ.»

  25-سېنتەبىر ھىندىستان زۇڭلىسى سىڭ ئامېرىكىغا زىيارەتكە چىقىپ ب د ت يىغىنىغا قاتناشتى، 27-سېنتەبىر ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى. ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى داسگۇپتا (Dasgupta) سەيشەنبە كۈنى زۇڭلى سىڭدىن ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە چوقۇم ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئوغرىلۇقچە تىڭتىڭلاش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ زۇڭلىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېدى:«ئەگەر مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ھەقىقىي بولىدىغان بولسا، ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ناھايىتى شەرمەندىلەرچە دەخلى-تەرزگە ئۇچرىغان بولىدۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىغان بولىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ شەخسى ھوقۇقى خورلانغان ۋە ھاقارەتلەنگەن بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر