- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىسىر سوت مەھكىمىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق پائالىيىتىنى چەكلىدى ھەم بارلىق مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلدى
مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقى «قانۇنسىز تەشكىلات» گىرۋىكىگە قىستاپ ئاپىرىلدى
2013.09.26 21:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر قاھىرە جىددىي ئىشلار سوت مەھكىمىسى 23-سېنتەبىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئورگانلىرىنىڭ مىسىردىكى بارلىق پائالىيىتىنى چەكلەش، ھەمدە بارلىق مال-مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلىش كېسىمىنى چىقاردى. سوت مەھكىمىسى يەنە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە بىر مۇستەقىل كومىتېت قۇرۇپ، مەبلەغ ۋە مۇقىم مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق مال-مۈلۈكىنى ئۆتكۈزىۋېلىش ھوقۇقى بەردى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقى ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى 24-سېنتەبىر كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر