باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن ئىران مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدە ئىجابىي بىشارەت بېرىشتى

ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

2013.09.26 20:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 68-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى شۇ جاي ۋاقتى 24-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى نۇتۇقىدا مۇنۇلارنى دېدى: ئىراننىڭ يادرو پىلانى پەقەت تىنچلىق مەقسىتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، بىز ئېنىق نىشانى بار سۆھبەتكە قاتنىشىمىز.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامامۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە ۋە جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق يادرو سۆھبىتى ئېلىپ بارىدۇ.

  جۇڭگو ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭلېي 25-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت 26-چېسلا نيۇيوركتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئىران يادرو مەسىلىسى ۋەزىيىتىنى ھەمدە كېيىنكى باسقۇچتا ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  خۇڭ لېي 25-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىپ ۋەپ ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، بۇ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى:جۇڭگو ئىزچىل شۇنداق ھېسابلايدۇكى، سۆھبەتلىشىش ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر توغرا يول. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران سۆھبەتنى تېزرەك قايتا باشلاپ ۋە ئەمەلىي پوزىتسىيە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە بالدۇرراق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلىشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر