باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكىلى بولامدۇ؟(2)

2013.09.24 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇندىن باشقا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 8-ئايدا ئېلان قىلغان يادرو تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىدىكى تالاش-تارتىش بولىۋاتقان قۇيۇقلۇقى %20 بولغان ئۇران زاپىسىنى ئىسرائىلىيە بېكىتىپ بەرگەن قىزىل سىزىق ئىچىدە كونترول قىلىدىغانلىقىنى، يەنى بىر يادرو بومبىسى ياساشقا كېرەكلىك مىقداردىن تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، سىرتتىكىلەر بۇنى تېھران سۆھبەتلىشىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ چۈشەنگەن.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ئىراننىڭ بۇ ئورگاندا تۇرۇشلۇق يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ۋەكىلى ناجېف 27-سېنتەبىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تەكشۈرۈىدىغان رامكا خاراكتېرىدىكى ھۆججەت بولغان «قۇرۇلمىلىق لايىھە» توغرىسىدا مۇزاكىرەلەشمەكچى. بۇ ئىراننىڭ يېڭى سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو سىياسىتىنى تەڭشىشى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئايان بولىشى مۇمكىن.

  ۋىيېنادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگىنىنىڭ ئەربابى مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىران بىلەن 10 قېتىم سۆھبەتلەشتى، لېكىن قۇرۇلمىلىق لايىھە توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى، بۇنىڭدىن سۆھبەتنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىراندىن ئۆزىگە بوشلۇق، ۋاقىت، مەزمۇن جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى، ئىراننىڭ بۇ خىل تەلەپ ئىراننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى قىلىدۇ دەپ ھېسابلىشى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ھېسابلىنىدۇ.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى ئۇزاق مۇددەت نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى سۇداننىيې بىلەن بۇ ئورگاننىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن، يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋەكىل ناجېف ۋە ئۇ باشلامچىلىق قىلغان دىپلوماتىيە ئۆمىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنكەن.

  ئىران سىرتقا ئىجابىي سېگنال چىقاردى، ئامېرىكا بولسا ھەم ئېھتىياتچان ھەم خوشال بولدى.

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما يېقىندا مۇنداق دېدى: مەن ئېران پىرېزىدېنتى رۇھانى بىلەن خەت ئالاقىسى قىلدىم، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشقا ئۈمىد بىلەن قارايمەن، لېكىن ئىران بىلەن بولغان سۆھبەت ئانچە ئاسان بولمايدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى مونىز بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە مۇنداق دېدى: ئىران ئاغزىدىلا شەھەر ئالماستىن ھەرىكىتى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك.

  ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ماركناس بۇندىن بۇرۇنقى مۇدىرىيەت يىغىنىدا ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش جەھەتتىكى سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىران ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق ۋاقىت سوزۇپ، تەكشۈرۈشكە توسقۇنچىلىق قىلماقچى، دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر