باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرى رۇسىيەدە كۆيدۈرۈلۈشى مۇمكىن(2)

2013.09.24 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇنداقتا سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرى قەيەرگە ئاپىرىلىپ قانداق كۆيدۈرۈلىدۇ؟، ھازىر مۇتەخەسسىسلەر بۇنى تەتقىق قىلماقتا. ئېنىقكى ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرى مەسىلىنى رۇسىيەگە ئارتىپ قويماقچى بولىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن موسكۋانىڭ قۇرغان ئوبلاستىنىڭ شۇۋچىيې شەھىرىدىكى مەخسۇس زاۋۇتتا سارىن زەھەرلىك گازى ۋە باشقا زەھەرلىك ماددىلارنى كۆيدۈرۈش ئىقتىدارى بار، لېكىن بۇنىڭدا بىر قاتار مۇرەككەپ مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. رۇسىيە ئىجتىمائىي سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋلادىمىر يېفشېيىف بۇنىڭغا ئىزاھات بەردى.

  يېفشېيىف مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى يۆتكەشتە چىڭ تۇرسا، ئۇلار يۆتكەش شەرتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ خىل خەتەرلىك ماددا قاچىلانغان پاراخوتنىڭ بوسپۇرۇس بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىش ھەققىدە ئۇلار ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا بۇنىڭ پۈتۈنلەي رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.

  بۇندىن باشقا، خىمىيىلىك قورال يۆتكەلسە، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ئون مىڭغا يېقىن ئەسكىرى ھىمايە قىلىپ ماڭمىسا بولمايدۇ. ۋلادىمىر يېفشېيىف مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش سۇيىقەستىنى ئۈزۈپ قويۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىش ئۆمىكى تەشكىللەنمىسە، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىمىيىلىك قوراللاردىن مۇداپىيەلىنىش قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلمىسە بولمايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. رۇسىيە ئالاھىدە قىسىمنى بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ قورال-ياراق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ناتالىيا كالىنا مۇنداق دەپ قارىدى: خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسىغا ئاساسەن، خىمىيىلىك قوراللارنى يېقىن ئەتراپتا كۆيدۈرۈش كېرەك. مېنىڭچە قوراللارنى يۆتكەش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. رۇسىيەنىڭ ھەر خىل خىمىيىلىك قوراللارنى كۆيدۈرەلەيدىغان كۆچمە ئۇنىۋېرسال سىستېمىسى بار. رۇسىيە سۈرىيەنى بۇ ئۇنىۋېرسال سىستېما بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.

  خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىسكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىنچە ئېنىقلاپ بولالمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، خىمىيىلىك قوراللارنى يۆتكەش ياكى كۆيدۈرۈشنى مۇنازىرىلىشىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. لېكىن مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، يۆتكەش چىقىمى بەك كۆپ بولىدۇ، بۇ سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشار ئەسەد ئامېرىكا فۇكىس خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن زور دەرىجىدە كۆپ بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر