باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەلىك «ئاق خوتۇن» لەقەملىك 29 ياشلىق ئايال كېنىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇشى مۇمكىن

2013.09.24 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-چېسلا چۈشتە، تولۇق قوراللانغان بىر تۈركۈم تېررورچىلار كېنىيە پايتەختى نايروبىدىكى بىر چوڭ سودا سارايغا ھۇجۇم قىلىپ، خېرىدارلارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە تۇتقۇن قىلىۋالدى. بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەرگىچە، تېررورچىلار كېنىيە بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن 55 سائەتكە يېقىن قارشىلاشتى.

  تۇيۇقسىز ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 62 ئادەم ئۆلۈپ، 175 ئادەم يارىلاندى، يەنە 63 ئادەم يوقاپ كەتتى.

  كېنىيە ئارمىيەسى 22-چېسلا تېررورچىلارغا «ئومۇمىي ھۇجۇم»قوزغىدى. بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچتە، بىر كېنىيە ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىككىسى ئۆلدى، بىر نەچچىسى يارىلاندى. بۇ تېررورچىلار ئوخشىمىغان دۆلەتتىن ئىكەن، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى پات ئارىدا ئاياغلىشىدۇ، تېررورچىلارچېكىنىشكە ۋە يوشۇرۇنۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ «چېكىنىش يولى» يوق.

  ئەنگلىيەلىك 29ياشلىق ئايال «پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول»مۇ؟

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا دېيىلىشىچە، «ئاق خوتۇن» لەقەملىك 29 ياشلىق ئەنگلىيەلىك ئايال بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ «باش جىنايەت گۇماندارى» ئىكەن.

  لېۋسۋايت سابىق ئەنگلىيە ئەسكىرىنىڭ قىزى بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى بۇككىنخامشىردا چوڭ بولغان. 17 يېشىدا توردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئەنگلىيەلىك بىر مۇسۇلمان بىلەن تونۇشۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۈچ بالىلىق بولغان. كېيىن ئۇنىڭ يولدىشى لوندوندىكى «7-ئىيۇل» تېررورلۇق ۋەقەسىدە ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتىلىشتا ئۆلگەن.

  2005-يىلى يۈز بەرگەنبۇ پارتلاش ۋەقەسىدە جەمئىي 52 ئادەم قازا قىلغان.

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا مۇنداق دېيىلدى: لېۋسۋايت ئوزاقى يىلى «ئىسلام ياشلار پارتىيەسى»گە كىرگەن بولۇپ، نەچچە قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسىنى پىلانلىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇ قوزغىغان بىرقاتار يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ «بازا» تارمىقىدىكى تەسىر كۈچىنى زورايتقان.

  بەزى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلدى: 22-چېسلا سومالى ياشلار پارتىيەسى 15 نەپەر تېررورچىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالتىسى ئامېرىكىلىق، بىرى ئەنگلىيەلىك، بىرى كېنىيەلىك، ئىككىسى سۈرىيەلىك ۋە بىرى شىۋېتسىيەلىك ئىكەن. 22-چېسلا ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئامېرىكىلىقلارنىڭ قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر