باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېزدىن تەرەققىي قىلدى(3)

2013.09.18 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ۋەزىيىتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى بىر بىر بىلەن زىچ باغلانغان، پىلان بويىچە، چەتئەللەرنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرى 2014- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىلەر يىلى ئافغانىستاندا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ- بۇ دۆلەتكە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى ئىلىپ كېلىپ، رايون بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

  رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى بارىسكىي مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئافغانىستاندىن كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك . ئافغانىستان ئۆتكەن يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلىتى بولدى. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

  لوگىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچ سۆزلىشىش يىغىنىنى ئىچىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش كېرەك . ئىچكى يوللار ئارقىلىق ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئافغانىستاننىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئالاقىدار مىللەتلەرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا تەسىر كۈچىگە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك .

  ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى . 2003-يىلى ماقۇللانغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق پىروگراممىسىدا ئىقتىسادى ھەمكارلىقنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرى ئېنىق بېكىتىلدى. بارىسكىي مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن قانۇن ۋە قانۇنى بەلگىلىمىلەر جەھەتتە بىر قەدەر مۇكەممەل ئاساس سالىپ، مۇناسىپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورناتتى. بۇ مەزكۇر تەشكىلاتىنى ئىقتىسادى ساھەلەردە مۇھىم ئىلگىرلەشلەر ئېرىشتۈردى.

  بىراق، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادى يوشۇرۇن كۈچى تېخى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ، بىراق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ چوڭ تۈرلىرى كەمچىل.

  بارىسكىي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ بۇنىڭغا قاتناشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشدىكى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىستىقبالى بار ساھەلەر قاتناش، ئېنېرگىيە ، ئاساسىي مۇئەسسئەسسە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى پەن تېخنىكا ۋە يېزا ئىگىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلاشقۇچى دۆلەت بىلەن سۆزلەشكۈچى دۆلەت، شۇنداقلا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دۆلەتلەر قاتناشقان ھەمكارلىق قېلىپى بولۇپ، قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ئەزا دۆلەت بولۇشى، شۇنداقلا كۆزەتكۈچى ۋە سۆزلەشكۈچى شېرىك دۆلەت بولۇشى كېرەك .

  ئۇندىن باشقا، ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىقتىسادى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بارىسكىي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جىددىي بولغىنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەڭ ياخشى پۇل مۇئامىلە مېخانىزمىنى ئىسپاتلاپ بېكىتىشى ئارقىلىق، بۇ مېخانىزم ئۈنۈملۈك ۋە پۈتۈنلەي ئاشكارىلاش بولۇشى كېرەك. بۇ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم .

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئۆزگىچە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئەزا دۆلەتلەر خەلقلىرى ئوتتۇرسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇقنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىي. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەدەنىيەت، مائارىپ ، پەن تېخنىكا ۋە سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مېخانىزمىنى ئورناتتى. بۇ تەشكىلات كۆپ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سەنئەت بايرىمى، مۇزىكا بايرىمى، ياشلار بايرىمى، مائارىپ ھەپتىلىكى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئىلىشغا ئېرىشتى.

  نۆۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئالاقىدار پىلانلارنى يولغا قويماقتا. بۇ يىل 5-ئايدا بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى ئۈچرىشىشىدا، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايرىمىنى قەرەرلىك ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھاياتى كۈچى خىلى زور دەرىجىدە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىغا باغلىق. چۈنكى بۇ تەشكىلاتنى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەڭ ئىجتىمائىي ئاساس بولۇشى لازىم. بارىسكىي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يولۇقۇۋاتقان ۋەزىپە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەردىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئالاقىلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشدىن ئىبارەت.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر