باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېزدىن تەرەققىي قىلدى(2)

2013.09.18 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتغا پائال قاتناشقۇچى ۋە كۆپلىگەن قاراشلارنى ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرغا قويغۇچى دۆلەت. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىڭ گۇوپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو- رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بېشكەك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا قارار ماقۇللاش شەكلى ئارقىلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى تەستىقلىماقچى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف مۇنداق دېدى: يولغا قويۇلىدىغان پروگراممىنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد قاتارلىق شەھەرلەرگە قاپلانغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى كونكرېت تەدبىرلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، شاڭخەي ھەمكارلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنى بۇ تەشكىلات ئىلىپ كەلگەن ياخشىلىقتىن ھېس قىلدۇرىدۇ.

  رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى،شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش ۋەزىپىسى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى قۇرۇلغاندا تېررورچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش شاڭخەي ئەھدىنامىسىنى ئىمزالاپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىدا تۇنجى قەدەم تاشلىدى.

  رۇسىيە تاشقى ئالاقە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى شەرقىي ئاسىيا ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى لوگىن مۇنداق دېدى: ئەگەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاساسلىق ساھەدە ھەمكارلاشسا، ئۇنداقدا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئەڭ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇ قەرەرلىك بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈش، رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى رامكىسى ئاستىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى ھەرىكەتتە تېخىمۇ قويۇق ماسلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر